ئەڭ كەڭ تاشيول
دۇنيادىكى ئەڭلەر
برازىلىيىنىڭ پايتەختى برازىلىيە شەھىرىدىكى <خاتىرە ئوقى> چوڭ يولى دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ تاشيول ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ يولنىڭ <شەھەر مەمۇرىيىتى مەيدانى> دىن <ئۈچ ھاكىمىيەت مەيدانى> غىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 2.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ چوڭ يولدا 1960 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ ماشىنا قاتنىغان بولۇپ، ئالتە ماشىنا يولىغا بۆلۈنگەن. يولنىڭ كەڭلىكى 250 مېتىر كېلىدۇ.