ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىمىغان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگلىيىلىك روگېر، 1974 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 10 يېرىمدىن 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 10 يېرىمغىچە ئۇخلىمىغان. ئۇنىڭ ئۇخلىمىغان ۋاقتى 288 سائەتكە يەتكەن (12 كۈن) بۇ رېكورتنى ئۇ، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان - تيېگو شەھىرىدىكى سۇ قاچىلانغان كارۋات كۆرگەزمىخانىسىنىڭ زالىدا ياراتقان. بۇ ئارىلىقتا ئۇ كافى ئىچىپ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇپ تۇرغان. لېكىن قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن بېشى قېيىپ كەتكەن.