UyghurWiki
UyghurWikiئاڭبىر قېتىمدا چوڭقۇرلۇقتىن ئەڭ كۆپ نەرسىنى سۈزۈپ ئېلىش

بىر قېتىمدا چوڭقۇرلۇقتىن ئەڭ كۆپ نەرسىنى سۈزۈپ ئېلىش

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1940 - يىلى يېڭى زېلاندىيىنىڭ بىرىئام تۇمشۇقىدا <نىئاگارا> ناملىق پاراخوت سۇ مىناسى تېگىپ غەرق بولۇپ، 133.5 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەن. بۇ پاراخوتنى سۈزۈپ ئېلىش ئىشى 7 ھەپتە داۋام قىلىپ، نەتىجىدە بۇ پاراخوتتىكى 2 مىليون 250 مىڭ فوند ستىرلىڭ قىممىتىدىكى ئالتۇننىڭ ھەممىسى سۈزۈپ ئېلىنغان (پەقەت 6 پىرسەنتلا كەملىگەن). بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇرلۇقتىن سۈزۈپ ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. 1917 - يىلى <لائورىن تىك> ناملىق پاراخوت ئېرلاندىيىنىڭ مالىن تۇمشۇقىدا سۇ ئۈستىدە ھادىسىگە ئۇچراپ، ئىچىدىكى 5 مىليون فوند ستىرلىڭ قىممىتىدىكى زىقچە ئالتۇن پاراخوت بىلەن چۆكۈپ كەتكەن. 1924 - يىلى سۈزۈپ ئېلىش خادىملىرى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چۆكۈپ كەتكەن 3211 زىقچە ئالتۇندىن 3186 سىنى سۈزۈپ ئالغان، بۇ دۇنيا بويىچە چوڭقۇر سۇدىن بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ نەرسىنى سۈزۈپ ئېلىش ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ