UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا

ئەڭ دەسلەپكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە 1944 - يىلى ئىيۇندا لوندون شەھىرى بىرخىل نامسىز زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچرىدى. يۈرۈكنى مۇجۇپ قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك قۇرقۇنچلۇق ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، ئاقىمۇ - ئارقا چىققان كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ لوندون زور زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىدى. مانا بۇ گېتلىرنىڭ يوقىلىش ھارپىسىدا ئىشلەتكەن مەخپىي قورالى V - 1ئۇچار بومبىسى ئىدى. گېرمانىيە 1932 - يىلىدىن باشلاپ مەخپىي ھالدا ئىستىراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەشكە كىرىشكەن ئىدى. 1942 - يىلى 3 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە سىناق تەرىقىسىدە بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بەردى، لېكىن ئۇنى ئىشلىتەلمىدى. گېرمانىيە 1944 - يىلى بىر خىل ئىندۇكسىيىلىك ئۇچار بومبا ياساپ چىقتى. بومبا ماگنتلىق كومپاس ۋە بىرخىل ئالاھىدە ئىشلەنگەن مېخانىزىم ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ. بومبىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىر، قانىتىنىڭ يېيىلىشى 5.5مېتىر، ئېغىرلىقى ئالتە توننا بولۇپ، پىرىسلىق رىئاكتىپ دىۋېگاتىلنى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىدۇ. جازا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇچۇش مۇساپىسى 241 كىلومېتىر بولۇپ، سائىتىگە 563 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ئۇچىدۇ. گېرمانىيە ناتسىسلىرى 1944 - يىلى سېنتەبىردە ئەنگىلىيە ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇش تارىخىدا تۇنجى ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا2 - Vئۇچار بومبىنى قويۇۋەتتى. بۇ ئۇچار بومبا 1 - V دىن ئىلغار بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى يىراق مۇساپلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالەم راكىتىسىنىڭ باشلامچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئوق يوللۇق باشقۇرىلىدىغان بومبا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 14 مېتىر، دىئامېتىرى 1.6 مېتىر، ئېغىرلىقى 14 توننا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا بىر توننا كۈچلۈك پارتلىغۇچى دورا قاچىلىنىدۇ. ئۇنى راكىتا موتورى ئېلىپ ماڭىدۇ. V- 2 ئۇچار بومبا 90.5 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا قاتلىمىغا چىققاندىن كېيىن ئاپتۇماتىك ھالدا باشقۇرۇپ ئۇچىدۇ. بومبىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مىڭە مۇۋاپىق پەيتتە موتۇرنى ئاپتۇماتىك ھالدا ئۇچۇرىدۇ ھەمدە ئۇچار بومبىغا نىشانغا قاراپ ئېتىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭ دەلىلىك نىسپىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. V - 2 نىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 354 كىلومېتىر، سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ تۆت ھەسسىدىن ئارتۇق ئۇ سائىتىگە 5733 كىلومېتىر ئۇچىدۇ. شۇڭا قىرغۇچى ئايرۇپىلانلار ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ لوندۇنغا كەلتۈرگەن بۇزغۇنچىلىقى V - 1 دىن زور بولغان. (يۈي شۇجېن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ