تۇنجى قېتىم چوڭ شاھمات ئۇستىسىنى يەڭگەن ھېسابلاش ماشىنىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
شوتلاندىيەنىڭ خەلقئارا شاھمات چېمپىيونى، دۇنيا بويىچە چوڭ شاھمات ئۇستىسى داۋىدلېيۋېي ھېسابلاش ماشىنىسى تەتقىق قىلغۇچى تۆت ئالىم بىلەن يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ھەرقانداق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ ئۆزىنىڭ شاھمات رەقىبى بولالمايدىغانلىقى ئۈستىدە 1250 فوند ستېرلىڭ تىكىپ قول باغلاشقان ئىدى.
70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا مەخسۇس شاھمات ئوينايدىغان چېئوبېسى ناملىق ماشىنىنى ياساپ چىقىدۇ.
بۇ ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭ زاپچاسلىرىدا 2200 دىن ئارتۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن توك يولى بار. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭغا شاھماتنى ھەرخىل ئويناشنىڭ تەرتىپلىرىنى تۈزگەن.
ئېلېكترلىق ھېسابلاش ماشىنىسى 1977 - يىلى مارتتا ئامېرىكىنىڭ مىننېستا شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسىدە ئاتاقلىق شاھماتچىلارنى ئارقىمۇ - ئارقا ئۇتۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان.
ئارقىدىنلا، ئامېرىكىنىڭ پىتسبۇرگ شەھىرىدە سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلىش شىركىتى ياسىغان «176 Cyber» تىپلىق ھېسابلاش ماشىنىسى لېيۋېي بىلەن مۇسابىقىلەشكەن، لېيۋېي ئۈچ يېرىم سائەت ئىچىدە 42 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا جاپالىق كۈرەش قىلىپ، 43 - يۈرۈشتە ئاران ئۇتقان. شۇنىڭ بىلەن «176 Cyber» تىپلىق ھېسابلاش ماشىنىسى چوڭ شاھمات ئۇستىسىنى تۇنجى قېتىم يەڭگەن ھېسابلاش ماشىنىسى بولۇپ قالغان.
سۈنئىي ئەقىل - پاراسەت مۇتەخەسسىسلىرى، ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيادىكى بارلىق چوڭ شاھمات ئۇستىلىرىغا مۇسابىقە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى مۇلايىملىق بىلەن ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.