UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ بۇرۇن جەنۇبىي قۇتۇپقا بارغان ئادەم

ئەڭ بۇرۇن جەنۇبىي قۇتۇپقا بارغان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1773 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 462 توننا ئېغىرلىقتىكى <ئىرادە> ناملىق پاراخوت، پاراخوت باشلىقى جامىس كوئوكنىڭ (1728 - 1779) قوماندانلىقىدا بىرىنچى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى كېسىپ ئۆتكەن (جەنۇبىي كەڭلىك 66 گىرادۇس 30 مىنۇت). 1820 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئامېرىكىلىق ناتخانېل بروۋىن پالمېر (1799 - 1877) 45 توننا ئېغىرلىقتىكى تاق ماچتىلىق <قەھرىمان> ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ بىرىنچى قېتىم پالمېر تاقىم ئاراللىرىنىڭ قىرغاقلىرىنى كۆرگەن. نۇرۋېگىيىنىڭ كېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى، روئالد ئاموندسېن (1872 - 1928) نىڭ يېتەكچىلىكىدە، كىت قولتۇقىدىن ئىتقا سۆرىتىلگەن چانا بىلەن 53 كۈن يول يۈرۈپ، 1911 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بىرىنچى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپقا يېتىپ بارغان. بۇ ئەترەتتىكىلەردىن جەنۇبىي قۇتۇپقا ئۇلاۋبىجالاند بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغان. ئۇ تاكى 1961 - يىلغىچە ئۆمۈر كۆرۈپ، 88 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ ئەترەتتە خېلمېرخانسېن، سىۋېررې خاسسېل ۋە ئوسكارۋىستىڭلارمۇ بار ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ بۇرۇن جەنۇبىي قۇتۇپقا بارغان ئادەم | UyghurWiki | UyghurWiki