UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۇنجى قېتىم پۇت بارمىقىنى كۆچۈرۈپ قايتا قول ياساش

تۇنجى قېتىم پۇت بارمىقىنى كۆچۈرۈپ قايتا قول ياساش

دۇنيادىكى ئەڭلەر بىر كىشى ئىككى قولىدىن ئايرىلغان بولسا، ئۇنىڭغا قايتا قول ياساپ بەرگىلى بولامدۇ؟ پەن - تېخنىكا تەرەققىي تاپمىغان زاماندا، بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن خام - خىيال ئىدى. پەن - تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈزۈلگەن بارماقنى قايتا تۇتتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىققانلىقى، بولۇپمۇ پۇتنىڭ ئىككىنچى بارمىقىنى ئېلىپ قولنىڭ باش بارمىقىغا ۋە باشقا بارماقلارغا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى پۇت بارمىقىنى كۆچۈرۈپ قايتا قول ياساشقا ئاساس سالدى. خەۋەلەرگە قارىغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى ئالتىنچى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك بۆلۈمى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم پۇت بارمىقىنى كۆچۈرۈپ قايتا قول ياسىدى. شاڭخەي شەھىرىدىكى ئالتىنچى خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈجۇڭجيا ۋە باشقا دوختۇرلار 1978 - يىلى ئۆكتەبىردە سىرتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن ئىككى قۇلىدىن ئايرىلغان بىمارغا سۈنئىي ئالقان سۆڭكىنى تىرەك قىلىپ، مىكرو خىرورگىيە سايمانلىرىنى قوللىنىپ، ئىنتايىن ئىنچىكە ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بىمارنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئىككىنچى بارماقلىرىنى كۆچۈرۈپ، بىمارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە بىر ئوڭ قول ياساپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن پۇت بارمىقىنى كۆچۈرۈپ قايتا قول ياساش ئوپېراتسىيىسى تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلدى. بۇ قايتا ياسالغان قولنى ئىككى يىلغا يېقىن كۆزىتىپ بېرىش ئارقىلىق شۇنىسى مەلۇم بولدىكى، بىمارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولغان. قايتا ياسالغان قولنىڭ ئاغرىش، ئىسسىش، توڭلاش سەزگۈسى نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك بولغان. بىمار شۇ قولى بىلەن تۇتۇش، تولغاش، چىمداش، ئىلىۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى قىلالىغان، ئۈچ يېرىم كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلىگەن ھەم ئەركىن خەت يازالىغان، رەسىم سىزالىغان، سەرەڭگە چاقالىغان، تۈگمىنى ئېتەلىگەن، ئۆز تۇرمۇشىنى ئاساسەن ئۆزى باشقۇرۇپ كېتەلىگەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ