UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ كالا

ئەڭ چوڭ كالا

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكا ئىدىيانا شتاتىنىڭ مىيامى شەھىرىدىكى مېكى ۋە جون مورىپلارنىڭ <كونا دوست> دەپ ئاتىلىدىغان خلىفورد قىسقا مۈڭگۈزلۈك كالىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالا بولۇپ، بۇ كالا 1910 - يىلى 2 - ئايدا 8 يېشىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن قويرۇقىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 4.92 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.93 مېتىر، قورساق ئايلانمىسى 4.16 مېتىر، ئېغىرلىقى 2140 كىلوگرام كېلىدىكەن، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يوغان كالىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشى ئۈچۈن بۇ كالا ئۆلگەندىن كېيىن ئەۋرىشكە قىلىپ ياسىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىدىيانا شتاتىنىڭ ھېيگران باغچىسىغا قويۇلغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ