ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1944 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە فىلىپپىننىڭ لېيتې قولتۇقىدا بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش، دۇنيا بويىچە ئەڭ دېڭىز - ھاۋا ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكىنىڭ 166 ھەربىي پاراخوتى بىلەن ياپونىيىنىڭ 65 ھەربىي پاراخوتى قاتناشقان (ياپونىيىنىڭ 26 پاراخوتى، ئامېرىكىنىڭ 6 پاراخوتى دېڭىزدا غەرق بولغان). ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ 1,280 ئايروپىلانى، ياپونىيىنىڭ 716 ئايروپىلانىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان.
ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى 1916 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى يوتلاندىيە ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھ ئائىلىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 151 پاراخوتى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 101 پاراخوتى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىن 14 پاراخوت، 6,097 ئادەم چىقىم بولغان؛ گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىن 11 پاراخوت، 2,545 ئادەم چىقىم بولغان.
قەدىمقى زاماندىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى 1571 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى لېپانتې ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيىنىڭ 250 يەلكەنلىك ئۇرۇش كېمىسى (25 مىڭ ئادەم) ئىسپانىيە، ۋېنېتسىيە ۋە رىم كاتولىك دىنىي پاپاسىنىڭ 300 ھەربىي كېمىسى تەرىپىدىن لېپانتې قولتۇقىدا، يەنى ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ كورېنف قولتۇقىدا غەرق قىلىۋېتىلگەن.