ئەڭ دەسلەپكى خالقئارا شاھمات
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئېلىمىزدە جۇڭگوچە شاھمات بىرقەدەر ئومۇملاشقان، دۇنيادا بولسا خەلقئارا شاھمات بىرقەدەر ئومۇملاشقان.
خەلقئارا شاھمات تاختىسى كۋادرات شەكلىدە بولۇپ، ئالماشتۇرۇپ تىزىلغان ئىككى خىل رەڭلىك 64 كاتەكچىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئادەتتە سۇس رەڭلىك كاتەكچە ئاق كاتەكچە، قېنىق رەڭلىك كاتەكچە قارا كاتەكچە دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىرقى خەلقئارا شاھمات ئەڭ دەسلەپكى خەلقئارا شاھماتتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. خەلقئارا اشاھماتنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا دۇنيادا ھەرخىل سۆزلەر بار. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا شاھماتنى قەدىمك يۇنان سەركەردىسى پارامىدېس لەشكەر تارتىپ كېلىپ ترۇيان شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىغان چاغلاردا كۆڭۈل ئېچىپ روھىنى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كەشپ قىلىپتۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا شاھماتنى ھىندى كەشپ قىلىپتۇ. خەلقئارا اشھمات مىلادى 200 - 700 - يىللىرى پارسقا كىرگەن، كېيىن ئەرەبىستان ۋە ياۋروپاغا تارقالغان.
خەلقئارا شاھمات باشتا ئوردىدا ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىلا ئوينالغان. كېيىن خەلق ئارىسىغا پەيدىن - پەي تارقالغان. دۇنيا بويىچە تۇنجى خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىسى 1562 - يىلى رەسمىي ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسپانىيە شاھماتچىسى ئوينىغان، نەتىجىدە، ئىسپانىيىلىك لۇئى لوپېس دېسايگۇرا بىرىنچىلىكنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بويىچە خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى چىمپىيونى بولغان. 1866 - يىلى خەلقئارا شاھمات بويىچە تۇنجى دۇنيا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىدە ئاۋستىرىيىلىك ۋىلگېلم ستېنتىس چىمپىيون بولغان.