تۇغدۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغۇشى بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك جەريان. ھامىلىدار ئايال تۇغۇشتا پۈتۈن ئورگانىزىمىدا بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، بولۇپمۇ تۇغۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا بالىياتقۇ كۈچلۈك قورۇلغانلىقتىن، قاتتىق ئاغرىش ۋە بىئاراملىق يۈز بېرىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا دوختۇرخانىسىدىكى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىزوربوريېسوفكى تايىركوۋسىكى تۇغدۇرۇشنىڭ بىرخىل ئەڭ يېڭى ئۇسۇلىنى _ سۇ ئاستىدا تۇغدۇرۇشنى تاپتى ھەمدە تۇنجى بوۋاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇغدۇرۇۋالدى. بۇ ئۇسۇل بويىچە، تۇغىدىغان ئايال بىلەن ئۇنىڭ كىندىك ئانىسى ئىسسىق سۇلۇق كۆلچەككە چۈشىدۇ، بېشىدىن باشقا ھەممە يېرى سۇغا چۆكۈپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ھامىلىدار ئايال تۇغۇشقا باشلىغاندا، كىندىك ئانىسى ئۇنىڭ قېشىغا يېقىن كېلىپ، بېشىنىڭ چۆكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېڭىكىدىن كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىندىك ئانىسى قاتتىق نەپەس ئېلىۋېلىپ سۇغا چۆكۈپ، ئۇنىڭ قورسىقى بېسىپ بېرىدۇ. تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن بالا سۇدا تۇغۇلىدۇ. كىندىك ئانىسى بالىنى سۇدىن ئېلىپ چىققاندا، بالا يىغلاشقا باشلايدۇ.
بۇنداق سۇ ئاستىدا تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى ئادەتتىكى تۇغدۇرۇش ئۇسۇلىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، تۇغىدىغان ئايالنىڭ تۇغۇت ئازابىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى تاپقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، «تۇغىدىغان ئايال سۇغا چۆكۈپ تۇرغانلىقتىن، تۇغقاندا ھېچقانداق قىينالمايدۇ. بەلكى پۈتۈن تۇغۇت جەريانى ناھايىتى يەڭگىل ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بالىياتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا يېقىن كونترول قىلىنىپ تۇرغانلىقتىن، بوۋاق ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىرتقى مۇھىت بىلەن بىردىنلا ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا ماسلىشالماسلىقنى ئازدۇر - كۆپتۇر يەڭگىللىتىدۇ.» بۇ يېڭى ئۇسۇل ھازىر ئۇنىڭ كەشپىياتىچىسى تۇرغان دوختۇرخانىدا قوللىنىلماقتا ھەمدە ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باشقا دوختۇرخانىلارغا كېڭەيتىشكە تەييارلىق كۆرۈلمەكتە. ئەمما تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكىلەر تۇغدۇرۇشنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلىغا قوشۇلمايۋاتىدۇ، چۈنكى سۇ ئاستىدا تۇغدۇرۇشنىڭ نەزەرىيىسى ئېنىق ئەمەس، ئۇنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېنىق شەرھىيلەنگەندە، شەك - شۈبھىسىز كېڭەيتىلىدۇ.