UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چىرايلىق ياسىنىدىغان قۇش

ئەڭ چىرايلىق ياسىنىدىغان قۇش

دۇنيادىكى ئەڭلەر قۇشلار كۆپىيىش پەسلىگە كەلگەندە، كۆپچىلىكىنىڭ ئەركىكى چىشىسىنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ بىلەن چېتىلىش ئۈچۈن ناھايىتى چىرايلىق ياسىنىدۇ. نۇرغۇن قۇشلار ئىچىدە توز ئەڭ چىرايلىق ياسىنىدۇ. باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا ھايۋانات باغچىسىغا بارسىڭىز، چىرايلىق ياسانغان خوراز توز سىزنى جەزمەن ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. خوراز توز مىكىيىنىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ چىرايلىق پەيلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەلپۈگۈچتەك يايىدۇ، ئىنچىكە ئۇسسۇلچى پۇتى بىلەن يورغىلاپ يۈرۈپ قانات سۆرەيدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان تەڭگىچىلىرى ۋە زۇمرەتتەك يېشىل پەيلىرى ئىللىق قۇياش نۇرىدا چاقناپ ئاجايىپ كۆركەملىشىپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر خاتىرە ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن سۈرەتكە تارتىشىدۇ. ھازىر دۇنيادا ئىككى خىل توز: كۆك توز ۋە يېشىل توز بار. بۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى شۇكى، كۆك توزنىڭ بېشىدىكى تاجىسى يەلپۈگۈچسىمان بولىدۇ، باش، بويۇن ۋە كۆكرىكىنىڭ پەيلىرى ئاساسەن كۆك بولىدۇ؛ يېشىل توزنىڭ تاجىسى يەلپۈگۈچسىمان بولماستىن، دەستىسىمان بولىدۇ، پەيلىرى ئاساسەن يېشىل بولىدۇ. كۆك توز ئەسلىدە ھىندىستان ۋە سرى - لانكىلاردا ياشايتتى، ھازىر ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ھايۋانات باغچىلىرىغا ئېلىپ كېلىنىپ، كۆرگەزمە قىلىنماقتا. يېشىل توز ئاساسەن ياۋا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئېلىمىزدىكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تروپىك ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. ھايۋانات باغچىلىرىدا پەيلىرى پۈتۈنلەي ئاق كەلگەن يەنە بىر خىل توز بار، ئۇ توزلارنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى ھېسابلىنىدۇ. توزلار كەڭ - كۇشادە ئورمانلاردا، بولۇپمۇ دەريا بويىدىكى ئورمانلاردا يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر خورىزى بىر مۇنچە مىكىيىنى بىلەن بىللە دانلايدۇ، كېچىسى ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا ياتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ چىرايلىق ياسىنىدىغان قۇش | UyghurWiki | UyghurWiki