ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان شىركەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1914 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تەسىس قىلىنىپ، نيو - يورك شەھرىدە قۇرۇلغان مېررىل لىينچ، پېرىسې، فېننېر شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان شىركەت بولۇپ، 1971 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە 124 ئورۇن پاي قوشقان. پايچىكلارنىڭ سانى جەمئىي 61 مىڭ 200 گە يەتكەن. بۇ شىركەتنىڭ 20 مىڭ 415 ئىشچى - خىزمەتچىسى، 329 ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، بىر مىليون 500 مىڭ شەخسىي ھېسابات تۈرى بار. ئامېرىكىدىكى پاي چېكى سودىسى ساھەىدىكىلەر بۇ شىركەتنى <بىزنىڭ> ياكى <ھەممەيلەننىڭ> شىركىتى دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ مەبلىغى 40 مىليارد فرانكقا يەتكەن.