ئەڭ چوڭ زەمبىرەك
دۇنيادىكى ئەڭلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى كىرېمىل سارىيىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان <زەمبىرەكلەر پادىشاھى> دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەمبىرەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ زەمبىرەك 16 - ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئېغىرىنىڭ دىئامېتىرى 915 مىللىمېتىر كېلىدۇ، زەمبىرەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.18 مېتىر بولۇپ، ئىككى توننا ئېغىرلىقتىكى يۇمىلاق زەمبىرەك ئوقىنى ئاتالايدۇ. ئەمما، بۇ زەمبىرەك ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ باقمىغان ئىكەن.
1453 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە تۈركىيىدىكىلەر بىر دانە 7.92 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئوتتۇرا ئەسىر زەمبىرىكى بىلەن (ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 1066 مىللىمېتىر) ھەر كۈنى يەتتە دانە يۇمىلاق زەمبىرەك ئوقى ئېتىپ، كونىستانتۇپۇل شەھىرىنىڭ (ھازىرقى ئىستامبول) سېپىلىنى توپقا تۇتقان ئىكەن. بۇ زەمبىرەكنى 60 كالا ۋە 200 ئادەم سۆرىيەلەيدىكەن، بۇ زەمبىرەكتە 544 كىلوگرام كېلىدىغان تاشتىن ياسالغان توپ ئوقىنى ئاتقىلى بولىدىكەن.