دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
CRAY - 1 مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70 - يىلىرىدا دۇنياغا كەلگەن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى بولۇپ، لايھىلىگۈچى ئامېرىكىلىق سېيمۇركراينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ماشىنىنىڭ باھاسى 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ جەھەتتە بولسۇن ياكى ھۈنەر ۋە سېستىمسىنى كونترول قىلىش جەھەتتە بولسۇن دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتكەن. ئۇنى ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ تېخنىكىسى بويىچە 70- يىللارنىڭ ئاخرىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
CRAY - 1 يېڭى شەكلىدە بولۇپ، ئىشكاپلىرى ئېغىزى ئوچۇق چەمبەرسىمان ھالەتتە تىزىلغان، ئىقتىدار جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇنىڭ فىزىكىلىق سىرتقى كۆرۈنۈشى كىچىك - چاققان بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر ئادەمنىڭ بويىچىلىك كېلىدۇ. سىرتقى ئايلانمىسىنىڭ دىئامېتىرى ئىككى يېرىم مېتىر بولۇپ، ئىگەللەيدىغان ئورنى 7 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدۇ. بارلىق ئۈسكۈنلىرى 4.5 توننىدىن ئاشمايدۇ. ئۇنىڭ 12 ئىشكاپى بار. ھەربىر ئىشكاپ ئىككى قەۋەت بولۇپ، جەمئىي 24 ساندۇقتىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر ساندۇقتا 72 پارچە قىستۇرما تاختا ئورنىتىلغان. ھەر بىر تاختىنىڭ ئىككى يېنىغا 288 توپلاشتۇرۇلغان توك يولى بار پىلاستىنكا كەپشەرلەنگەن. پۈتۈن ماشىنا 113 خىل تىپتىكى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى توپ زەنجىرلىك پىلاستىنكىدىن 350 مىڭدىن ئارتۇقراقى ئىشلىتىلگەن.
CRAY - 1 ھەركەتلەنگەندە سەرپ قىلىنىدىغان توك مىقدارى كۆپ بولغاندا 115 كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ماشىنا ئىچىدىكى قسىتۇرما تاختىلار بىر - بىرىگە چاپلىشىپ تۇرغان بولۇپ، ئېلېكترونلۇق سايمانلارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ماشىنىغا ئىسىقلىق تارقىتىدىغان پۈتۈنلەي يېڭى ھۈنەر - سەنئەت تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان. قىستۇرما تاختا بەش قسىقۇچ تاختا شەكلىدە ياسىلىپ، ئەڭ تاشقى ئىككى قەۋىتىگە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى پىلاستىنكىسى كەپشەرلەنگەن. قالغان ئىككى قەۋىتى باسما ئېلېكتىر زەنجىرلىك تەگلىك تاختا، ئەڭ ئوتتۇرا قەۋىتى تېفلون (پولىتېترافتور ئېتىلېن) بىلەن سىرلانغان مىس پىلاستىنكىدىن تەركىب تاپقان. قستۇرما تاختىدىكى ئىسسىقلىق مىس پىلاستىنكا ئارقىلىق ئىشكاپ ئىچىدىكى ئاليومىن تۇرۇبىغا ئۆتىدۇ. ئاليومىن تۇرۇبا ئىچىدە داتلاشمايدىغان پولاتتىن ياسالغان بىر يۈرۈش قاپچۇق بولۇپ، قاپچۇقتىن توڭلاتقۇچى فرېئون ئاقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىستۇرما تاختا تېمپىراتۇرىسنىڭ 54 سېلسىيىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە، ئىشكاپ تاملىرىنىڭ 20 سېلسىيىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا CRAY - 1 ھاۋانى تەڭشەيدىغان ھېچقانداق ئۈسكۈنىلەر بولمىغان شارائىتتىمۇ ئىشلىيەلەيدۇ.
CRAY - 1نىڭ ئاساسىي ھېسابلاش تېزلىكى سېكۇنتىغا 80 مىليون قېتىمغا يېتىدۇ. ئەمىلي ئۆلچەشكە قارىغاندا، ئۇ ئەڭ تېز ھېسابلىغاندا، سېكۇنتىغا 138 مىليون قېتىمنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. بەزى جىددىي پەيتتە ھېسابلاشنى سېكۇنتىغا 250 مىليون قېتىمغا يەتكۈزىدۇ. بۇ ماشىنا ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
CRAY - 1 بىرلا ۋاقىتتا 64 گۇرۇپپا ساننى ھېسابلاپ چىقالايدۇ. شۇڭا ئۇ « ۋېكتورلۇق بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى » دۇر. ھازىر دۇنيادا CRAY - 1 دىن باشقا ۋېكتورلۇق بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسىدىن ئون ئىككىسى بار. ئەمما CRAY - 1 ھېسابلىغاندا يېڭى «زەنجىرلىك باغلىنىش» ماھارىتىنى قوللىنىپ، ھەربىر قەدەمدىكى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئاساسلىق ساقلاش ئاپاراتىدا ساقلىماي ، بەلكى «ۋېكتورلۇق ئامانەت قويۇش ئاپپاراتى» دا ۋاقتىنچە ساقلاپ تۇرۇپ ئىككىنچى قەدەمدىكى ھېسابلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاقتنى زور دەرىجىدە تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ تۇنجى ئىككىنچى ئەۋلاد ۋېكتورلۇق ماشىنىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. CRAY - 1 دىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 64 خانە بولۇپ، ئاساسلىق ساقلاش ئاپپاراتىغا 1 مىليون ھەرپ سىغىدۇ. ئامانەت قويۇش ئاپاراتىغا بەش مىڭ بۇغۇم سىغىدۇ. (ھەر خانلىق سەككىز سان بىر بوغۇم بولىدۇ)
تۇنجى CRAY - 1 1977 - يىلى مايدا ئامېرىكىدىكى نيو - مېكسىكو ئىستاتىنىڭ لوس ئالاموس ئىلىم - پەن تەجرىبىخانىسىدا رەسمىي ئىشلىتىلىپ، يادرو پارتلىتىش ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ بېرىلغان. 1979 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە CRAY - 1 دىن جەمئىي سەككىزى ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇ ماشىنىنى لايىھىلىگۈچى سېيمۇركراي ئامېرىكا CDC شىركىتىدە ئىشلەپ، «6600 - CDC» بىلەن «7600 - CDC» تىپلىق ھېسابلاش ماشىنىلىرىنىڭ ئاساسلىق لايىھىلىگۈچىسى بولدى. ھازىر ئۇ ئۆزى بىر تەتقىقات شىركىتىنى قۇردى. ئۇنىڭ باش ئورنى مىنېسنا شىتاتىدىكى مىنىنا پولىستا قۇرۇلغان. (گۇكېجىڭ)