UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئەڭ كۆپ توپلانغان جاي

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئەڭ كۆپ توپلانغان جاي

دۇنيادىكى ئەڭلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئېكۋاتورنىڭ لوخا دېگەن جايىنىڭ 40 كىلومېتىر جەنۇبىدا ۋىلكا بامبا دېگەن يەر بار. كىشىلەر بۇ يەرنى «يۈرەك كېسەللىكىگە قارشى كۈچ ھاسىل بولغان ئارال»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ ياشانغانلار مەملىكىتى» دەپ ماختىشىدۇ. ۋىلكابامبا بىر جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1680 مېتىر كېلىدۇ، ئەتراپنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ جاي ئىنتايىن خالى جاي بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 18 - 22 سېلىتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1907 - يىلىدىن بۇيان، ۋىلكابامبا كەنتىدە 140 ياشقا كىرگەنلەر 40 قا يەتكەن. كىشىلەرنىڭ كۆپى 120 - 130 ياشقىچە ياشىغان، ئەڭ ئاز ياشىغانلىرىمۇ 100 ياشقا كىرگەن. بۇ جايدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىنى بىلمىسە كېرەك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ جايدىكى دەريا سۈيىنىڭ تەركىبىدە رېماتىزمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە خولستېرىننى چۈشۈرىدىغان ماددا بار ئىكەن. يېقىندىن بۇيان، بۇ كەنت كىشىلەر دەم ئالىدىغان ۋە ساياھەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى. ۋىلكابامبالىقلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەتتىن بۇ جاينىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا تېخىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار يېڭىدىن تۇرۇبا سۈيى تورىنى قۇردى. توك سىملىرىنى تارتتى، يول ياسىدى، ساياھەت ۋە ئىستىراھەت مەركىزىي قۇردى، يەنە 60 ئادەم سىغىدىغان بىر مېھمانخانا سالدى. ھازىر بۇ يەرگە دەم ئېلىش ئۈچۈن ئېكۋاتورلىقلارلار كېلىپ قالماي، بەلكى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا، كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ