ئەڭ ئۇزۇن ئاسما گىلەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمقى ۋە ئۇزۇن ئاسما گىلەم - مەشھۇر <ئىستىلا قىلىش كۆرۈنۈشلىرى> ئاسما گىلىمى بولۇپ، ئۇ يەنە <بايىش ماتىلىدې خانىش ئاسما گىلىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاسما گىلەمنىڭ كەڭلىكى 49.5 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 70.40 مېتىر بولۇپ گىلەمگە 1064 - يىلدىن 1066 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سىزىلغان 72 پارچە تارىخىي رەسىم چۈشۈرۈلگەن، بۇ ئاسما گىلەمنىڭ 1068 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئەنگلىيىنىڭ كوۋىنترى شەھرىدە توقۇلغانلىقىدا شەك يوق. ئەمما ئۇ 1476 -، 1724 - يىللار ئارىلىقىدا يۈتۈپ كەتكەن.