تۇخۇم بېسىش مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا قۇشلار
دۇنيادىكى ئەڭلەر
قۇشلار كۆپىيىش مەزگىلىدە ئانا قۇش ئۆز ئۇۋىسىغا تۇخۇم تۇغقانلىقىتىن كېيىن كۆپىنچە تۇخۇمنى بېسىپ ياتىدۇ. ئاندىن تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى قۇشلارنىڭ تۈرلىرىنى ئوخشاش بولماسلىقغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. ئالباتروسنىڭ تۇخۇم بېسىش مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە تۇخۇمنى 75 - 82 كۈن بېسىپ ياتىدۇ. بۇ قۇشنىڭ چۈجىسى يېتىلىش جەريانىمۇ ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ. يەنى ئۇ 9 - 12 يىلدا يېتىلىدۇ. ئالباتروسنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرى ئاتتاركىتىكا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللاردا ئۇۋا سېلىپ كۆپىيىدۇ. بۇ جايلارنىڭ ناچار ئىقلىمى ئۇلارنىڭ تۇخۇم بېسىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى ئەڭ قىسقا قۇش سېرىق تۇمشۇقلۇق قۇشقاچ بولۇپ، ئۇنىڭ تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 9 - 10 كۈنلا بولىدۇ.
تۇخۇم بېسىش ۋەزىپىسىنى ئادەتتە، چىشى قۇش ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەركەك قۇش ئوزۇقلۇق تېپىپ كېلىپ تۇخۇم بېسىۋاتقان ئانا قۇشنى باقىدۇ. مۇشۇ تۈردىكى قۇشلار ئارىسىدا ئەركەك ھەرە قۇش ئەڭ ھۇرۇن قۇش بولۇپ، تۇخۇم بېسىش ۋە چۈجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي ئانا قۇش ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما يېڭى زىللاندىيىدىكى قاناتسىز قۇش دەل بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇخۇمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ (350 - 400 گرام كېلدۇ). ئۇنىڭ تۇخۇمى ئانا قۇشنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ بەشتە بىرىگە دېگۈدە توغرا كېلىدۇ. 75 - 80 كۈن داۋام قىلىدىغان تۇخۇم بېسىش مەزگىلىدە، تۇخۇم بېسىشنى پۈتۈنلەي ئەركەك قۇش ئۈستىگە ئالىدۇ. بەزى قۇشلار تۇخۇمىنى ئەركىكى بىلەن چىشىسى ئالمىشىپ بېسىپ ياتىدۇ. بەزى قۇشلار مەسىلەن: كاككۇك، كالاقۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار پەقەت تۇخۇملا تۇغىدۇ. ئەمما تۇخۇمنى بېسىپ ياتمايدۇ. ئۇلار باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇخۇم تۇغۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىدۇ. (ۋاڭ جياجۈن)