UyghurWiki
UyghurWikiئاڭقۇم مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا

قۇم مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا

دۇنيادىكى ئەڭلەر خۇاڭخې دەرياسى دۇنيا بويىچە قۇم مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا ھېسابلىنىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىنىغا جايلاشقان شەنشيەن پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يەردە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قۇم مىقدارى ھەر كۇپ مېتىرى 36.9كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ھەريىلى مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ تۆۋەن ئېقىنغا بارىدىغان لاي - قۇم بىر مىليارد 570 مىليون توننىغا يېتىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق بوخەي، خۇاڭخەي ھەتتا دۇيخەي دېڭىزلىرىغا قويۇلىدىغان لاي - قۇم بىر مىليارد 150 مىليون توننىغا يېتىدۇ. 420 مىليون توننا لاي - قۇم دەريا ياقىسىغا تىنىپ قالىدۇ. سېرىق توپا ئېگىزلىكىدىن كۆپلىگەن سېرىق توپا خۇاڭخې دەرياسى ئارقىلىق تۈزلەڭلىككە ۋە دېڭىز - ئوكيانلارغا ئېقىپ كېلىپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىغىلىپ قۇرۇقلۇقنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. دېڭىزنى ئۆزلۈكسىز تېيىزلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېرىق توپا ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ناھايىتى زور كۆلەملىك شىمالى جۇڭگو تۈلەڭلىكى شەكىللىنىپلا قالماستىن، بەلكى مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دېڭىز تىنىپ، دۇنيادا تەڭدىشى يوق كەڭ تېيىز دېڭىز قۇرۇقلۇق ئىتىكى ھاسىل بولغان. ھازىر بوخەي، خۇاڭخەي ۋە دۇڭخەي دېڭىزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تېيىز قۇرۇقلۇق ئىتىكى دائىرىسىگە كىرىدۇ. دۇڭخەي دېڭىزى قۇرۇقلۇق ئىتىكىنىڭ پەيدا بۇلۇش جەريانىدا، سۇ مىقدارى زور بولغان. ھەريىلى ئېلىپ كېلىدىغان قۇم مىقدارى 400 - 500 مىليون توننىغا يېتىغان چاڭجياڭ دەرياسىمۇ ناھايىتى زور رول ئوينىغان ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىككىنچى تەرەپتىن ئېيتقاندا سېرىق توپا ئېگىزلىكىدە سۇ ۋە توپىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كىشىلەرگە ئىنتايىن زور ئاپەت كەلتۈرىدۇ. بۇ ھال ئەسلىدە بىر قەدەر تەكشى بولغان سېرىق توپا ئېگىزلىكىنى ئويمان - دوڭغۇل، يەرلىرى ئۈنۈمسىز، سۇ ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى كۆپ بولۇپ تۇرىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇپ، ئېگىزلىك رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن لاي - قۇم تۆۋەن ئېقىنىدا دەريانىڭ ئېگىز قىنىغا تىنىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدە يەر يۈزىدىن 7 - 8 مېتىردىن 10 نەچچە مېتىرغىچە ئېگىز بولغان يەر ئۈستى دەرياسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. (چېن يۇڭۋېن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
قۇم مىقدارى ئەڭ كۆپ دەريا | UyghurWiki | UyghurWiki