UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقى

ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئوسيوتر بېلىقى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقى سانىلىدۇ. ئۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 2 - 3 مېتىر، ئېغىرلىقى 200 - 400 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 مېتىردىن، ئېغىرلىقى 1000 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئوسيوتر بېلىقى گۆشلۈك بولۇپ، گۆشى يۇمشاق، مايلىق كېلىدۇ، گۆشىنىڭ تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۈستۈن؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۇخۇمى قىممەتلىك؛ ئۇنىڭ پۈۋىكى ۋە خوردىسىدىن بېلىق يىلىمى ياسىغىلى بولىدۇ. بىر دانە چوڭ ئوسيوتر بېلىقىنى تۇتۇۋالغاندا، ئۇنىڭدىن بىر كالىنىڭ گۆشىدەك گۆش ئالغىلى بولىدۇ. ئېلىمىزدىكى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدا ئوسيوتر بېلىقى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى بېقىپ كۆپەيتىش كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ