ئەڭ زور گۈل - گىياھ بازىرى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
گوللاندىيىلىكلەر گۈلگە ناھايىتى ئامراق. ئۇلار دەرىزىلىرىغا پەردە تارتماستىن، دەرىزلىرىگە دائىم ھەرخىل گۈللەر بىلەن تولدۇرىدۇ. گۈللەر بارغانسېرى كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان، كىشىلەر بايرام كۈنلىرىدەە بىر - بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ.
گوللاندىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ گۈل ئۆستۈرىدىغان دۆلەت بولۇپ، گۈل ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت توۋالىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھارلېم ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە گۈل ئۆستۈرىدىغان ئۆيلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. گۈللەرنىڭ سورتى ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە گۈللالە، سۇنبۇل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش گۈللەر ئەڭ ئاتاقلىق گۈللەر ھېسابلىنىدۇ. گوللانىدىيىدە سېتىش ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدىغان گۈللەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەملىكەت بويىچە 13 گۈل بازىرىدا سېتىلىدۇ. ئارسمىر گۈل بازىرىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە مىليون دەستە گۈل ۋە تەشتەك گۈل سېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ سەكسەن پىرسەنتى چەتئەللەرگە چىقىرىلىدۇ. كۈنىگە بىر قىسىم گۈللەر سوغۇق ساقلايدىغان ماشىنىلار بىلەن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ. يەنە بىر قىسىم گۈللەر ئايرۇپىلان بىلەن توشۇلىدۇ. بۇلار يۈزدىن ئارتۇق مەملىكەتكە سېتىلىدۇ.
گۈل بازىرىدا گۈل سېتىش ئۇسۇلىمۇ كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ. گۈل سېتىشتا، ساتقۇچى (ئادەتتە بىر زالدا ئىككى كىشى بولىدۇ) چوڭ ئېلىكتىرونلۇق سائەتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ؛ كېچىك رېلىستىكى سىرىلما ۋاگونغا تىزىلغان ھەرخىل گۈللەر خېرىدارلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا، ساتقۇچى خېرىدارلارغا گۈللەرنى ۋە ئۇلارنىڭ باھاسىنى تونۇشتۇرىدۇ. خېرىدارلار خۇددى داشۆ سىنىپلىرىدىكى پەلەمپەيلىك بەندىڭدەك ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرىدۇ. ئۇرۇندۇققا بېكتىلگەن كۇنۇپكىنى باسسىلا، ئېلىكتىرلىك سائەت توختايدۇ. كۇنۇپكىنى كىم بالدۇر باسسا ،شۇنىڭغا سېتىپ بېرىلىدۇ. پۈتكۈل جەريان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ.
ئارسمىردا دۇنيا بويىچە ئەڭ زور گۈل كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەريىلى بىرىنچى سىنتەبىر شەنبە كۈنى گۈل قاچىلانغان نەچچە يۈز چاتما كېمە قاتار تىزىلىپ، ئامستېردام شەھرىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇ كېمىلەر يەتتە سائەتتە شەھەر مەركىزىگە يېتىپ بارىدۇ. (ۋېن جې)