ئاز ئۇچرايدىغان يەر ئېلېمېنتلىرىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغان كىشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
سىكاندىي، ئىتتىرىي، لانتان، سېرىي قاتارلىق 17 خىل ئېلېمېنت بۈگۈنكى كۈندە «ئاز ئۇچرايدىغان يەر ئېلېمېنتلىرى» دەپ ئاتالغان. بۇلار ھەر قايسى ساھەلەردە بارغانسېرى كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن بۇلار ھەم «ئاز» ئۇچرىمايدىغان، ھەم «يەر» ئېلېمېنتى بولمىغان مىنېرال ئېلېمېنتلاردۇر. ئۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن «ئاز ئۇچرايدىغان يەر ئېلېمېنتلىرى» دەپ ئاتالغان؟ بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى بۇ ئېلېمېنتلارنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغان گادولىندىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
گادولىن (1762 - 1852 - يىللار) فىنلاندىيىنىڭ خىمىيە ئالىمى. ئۇ 1794 - يىلى ئادەتتىن تاشقىرى بىر پارچە رۇدىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ رۇدىنى كارل ئالاننيۇس دېگەن كىشى 1789 - يىلى شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرى ئەتراپىدىكى ئىتىبى بازىرىدىن تاپقان. بۇ چاغدا ئۇ بۇ رۇدىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، ئۇنى گادولىنغا بەرگەن. گادولىن تەتقىق قىلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدە 38 پىرسەنت نامسىز يېڭى تەركىبىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر خىمىيە ئالىمى بۇ ئانالىز نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ چاغدا خىمىيە ئالىملىرى سۇدا ئېرىمەيدىغان ئاشۇنداق ئوكسىدلارنى «توپا» دەپ ئاتاشقان؛ بۇنداق يېڭى ماددا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىغا، ئۇنى تاپماقنىڭ تەسلىكىگە قاراپ، ئۇنى «ئاز ئۇچرايدىغان» دەپ ئاتاشقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ رۇدىنىڭ تېپىلغان ئورنى ئىتىبىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ خىل «ئاز ئۇچرايدىغان توپا» غا «ئىتتىرىش توپىسى» دەپ نام بەرگەن. (ئەمەلىيەتتە، بۇ ساپ «ئىتتىرىي توپىسى» ئەمەس، چۈنكى بۇ چاغدا ئۇلارنى بىراقلا ئايرىپ چىقىش قىيىن بولغان.) گادولىن تۇنجى قېتىم ئىتتىرىي رودىسىدىن «ئىتتىرىي توپىسى» نى تەتقىق قىلىپ چىققاندىن كېيىن، باشقا خىمىيە ئالىملىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئاز ئۇچرايدىغان باشقا يەر ئېلېمېنتلىرىنى ئارقىمۇ - ئارقا تاپقان. گادولىن سىرلىق ئىتتىرىي رۇدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۆھپە ياراتقاندىن تاشقىرى، تۆمۈر رودىسىنى ئانالىز قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېرىتكۈچ، ئېلېكتر خىمىيىسى قاتارلىقلاردا نەتىجە ياراتقان. شىۋېت يېزىقىدىكى تۇنجى خىمىيە دەرسلىكىنىمۇ گادولىن يازغان.