UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئاياللاردىن چىققان تۇنجى ماتېماتىكا پروفېسسورى

ئاياللاردىن چىققان تۇنجى ماتېماتىكا پروفېسسورى

دۇنيادىكى ئەڭلەر روسيىلىك سوفىيە كوفالېكايا ئۆز تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق تۇنجى فروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئايال ماتېماتىكا ئالىمى. ئۇ 1850 - يىلى 15 - يانۋاردا تۇغۇلغان. 1871 - يىلى گېرمانىيىدە مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى ۋېيرىسلاۋستىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. كوفالېسكايا 1874 - يىلى ئۈچ پارچە مەشھۇر ئىلمىي ماقالە يېزىپ، گوتتىنگېن داشۆسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ۋېيرىسلاۋس ئۇنى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىش توغرىسىدا شۇ مەكتەپكە نۇرغۇن قېتىم تونۇشتۇرۇش خېتى يازغان ئىدى. لېكىن مۇتەئەسسىپ ئەنئەنىۋىي بىر تەرەپلىمە قاراشلار تۈپەيلىدىن، ئۇ ياۋوپادا ھېچقانداق ئىلمىي خىزمەت ئورنى تاپالماي، موسكىۋاغا قايتىپ، ئېرى بىلەن بىللە سودىگەرچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1883 - يىلى ئۇنىڭ كىيۇسى ۋاپات بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ۋېيرسلاۋسقا مۇراجەت قىلىدۇ. شىۋېتسارىيىنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى مىتگې رېفور ۋېيرسلاۋسنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۇنىڭغا ستوكھولم داشۆسىدىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تېپىپ بېرىدۇ. ئۇ 1888 - يىلى مۇھىم ئىلمىي ماقالە يېزىپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسسىمۇ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ. كوفالېسكايا 1889 - يىلى ستوكھولم داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىگە ئىگە بولىدۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن خۇسۇسىي دېففېرىنسىيال تەڭلمىنى تەتقىق قىلىپ داڭ چىقارغان بۇ تۇنجى ئايال ماتېماتىكا پروفېسسورى ئۆپكە ياللۇغى كېلىسى بىلەن ستوكھولمدا ئالەمدىن ئۆتتى. (جاڭ ديەنمياۋ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ