UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆكمىسى

ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆكمىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلار ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغانلىرى ئومۇمىي دېڭىز - ئوكيان كۆلىمىنىڭ 1.2 پىرسەنتىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تېنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىسىكى ماربان تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان. مارىئان چۆكمىسى ئىنتايىن مەشھۇر چۆكمىدۇر. ئۇ شىمالدىن جەنۇبقا 2850 كىلومېتىر سوزۇلغان بولۇپ، كەڭلىكى 70 مېتىرلا كېلىدۇ. بۇ خۇددى تىك ياردەك ئوكياننىڭ تېگىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەن. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ چۆكمىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگىنىگە 60 مىليون يىل بولغان. 1957 - يىلى، سوۋېت ئىتتپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دېڭىز - ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ «ۋېتياز» ناملىق دېڭىز - ئوكيان تەكشۈرۈش كېمىسى مارىئان چۆكمىسى ئۈستىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئولترا ئاۋاز دولقۇنلۇق چوڭقۇرلۇق ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق 18 - ئاۋغۇستتا چۆكمىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر دېڭىز چوڭقۇرلۇقىنى بايقىغان. بۇ يەر پۈتۈن دۇنيا بويىچە دېڭىز - ئوكيانلاردا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭقۇر سايە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر جۇمۇلاڭما چوققىسى ئۇنىڭ ئىچىگە جايلاشتۇرۇلسا، ئۇنىڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2174 مېتىر تۆۋەن تۇرغان بولاتتى. دېڭىز چوڭقۇرلۇقى شۇ چوڭقۇرلۇقنى بايقىغان كېمىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش ئادىتى بويىچە، بۇ يەرنىڭ دېڭىز چوڭقۇرلۇقى «ۋىتياز» دېڭىز چوڭقۇرلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. دېڭىز سۈيى تەخمىنەن ھەر ئون مېتىر چوڭقۇرلىغاندا، بېسىم بىر ئاتموسفېرا ئاشىدۇ. شۇڭا چۆكمىنىڭ بېسىمى 1000 ئاتموسفېرا ئەتراپىغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە ئوكسىگېن كەم. بەزىلەر بۇنداق مۇھىتتا جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياشىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. 1960 - يىلى 23 - نويابىردا بىر ئامېرىكا ئالىمى ئۆزىنىڭ ئوغلى بىلەن «تىرېستېر» ناملىق چوڭقۇرلۇق تەكشۈرگۈچكە ئولتۇرۇپ «ۋىتياز» دېڭىز چوڭقۇرلۇقنىڭ ئەڭ تېگىگە چۈشۈپ، 150 مىڭ توننىلىق ئىنتايىن زور ئاتموسفېرانىڭ قاتتىق سىنىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرداشلىق بەرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلار سۇ ئاستىغا بىر نەچچە يۈز مېتىر چۈشكەندە پۈتۈنلەي قاراڭغۇ دۇنياغا كىرگەن. ئۇ يەردە ئاندا - ساندا نۇرغۇن يورۇق چىكىتلەر ياكى ئوقتەك ئۆتۈپ كېتىدىغان يالتراق جانۋارلارنى بايقىغان. ئۇلار ئىككى سائەتتىن كۆپرەك چۆكۈپ ئاخىر دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر نۇقتىسىغا چۈشۈپ، بېلىق ۋە راك تۈرىدىكىلەرنىڭ بىخىرامان ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. (جاڭ شيەنيۈي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆكمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki