ئەڭ دەسلەپكى ئاپتوماتىك قورال
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كېنسىڭتون مۇزېيىغا قۇيۇلغان مالسىم پىلىموتىنىڭ ماركىسىغا: «بۇ، مىلتىق دورىسىنىڭ گاز ئېنېرگىيىسىگە تايىنىپ ئوق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋە ئېتىلىدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قورال» دەپ يېزىلغان.
ماكسىم پىلىموتىنى ئامېرىكىلىق ھايلېم ماكسىم 1884 - يىلى كەشپ قىلغان.
ماكسىم لوندوننىڭ كلايكېنۋېل يولىدىكى 57 - نومۇرلۇق خاتتۇڭ باغچىسىدىكى كىچىك بىر كارخانىدا پىلىموتنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى. ماكسىم بىر قانچە پىلىموتنىڭ نۇسخىسىنى ياساپ، مەخپىي ئېتىپ سىناق قىلماقچى بولىدۇ. بىراق بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ كېتىدۇ، سىناق قىلىدىغان كۈنى، خاتتۇڭ باغچىسى ئەتراپىدا ئات - ھارۋىلار قايناپ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلىدۇ، ئەنگلىيىنىڭ كېمبرىج گرېتسوگ جانابلىرى بۇ كىچىك كارخانىغا كۆرگىلى كېلىدۇ. لوندوندىكى بەگ - غوجاملار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاتاقلىق ئەربابلار بىردىنلا قوزغىلىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئارقىمۇ - ئارقا كېلىشىپ كىچىك كارخانىنى قورشىۋالىدۇ.
تۇنجى ماكسىم پىلىموتى زەمبىرەك جازىسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، پىلىموت ستىۋولى سوغۇق سۇ بىلەن سوۋىتىلىدۇ، سوۋىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلمىغان پىلىموتنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلوگرام كېلىدۇ. كۆپ يىللاپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق 1891 - يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە بۇ قورالنى رەسمىي ئىشلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ماكسىم پىلىموتى دەپ نام بېرىدۇ.