ئەڭ ئېگىزلىككە جايلاشقان تاشيول
دۇنيادىكى ئەڭلەر
جۇڭگونىڭ شىزاڭدىكى بودپولا تاغ ئېغىزى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قاتناش ئېغىزى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5,916 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان. 1929 - يىلى بىر سودا ئەترىتى شىبكى تاغ ئېغىزىدىن يولغا چىقىپ، بودپولا ئېغىزى ئارقىلىق رودوكقا كەلگەن.
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزلىككە جايلاشقان تاشيول، 1957 - يىلى ياسالغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1,180 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ، ئاپتوموبىل قاتناشقا بولىدىغان تاشيول بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5,632 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئېغىزىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ. بۇ تاشيول جۇڭگو شىنجاڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرى بىلەن شىزاڭ رايونىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ.