ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىق
دۇنيادىكى ئەڭلەر
تۇرپان ئويمانلىقى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تىيانشان باغرىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 245 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 75 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدۇ.ئۇنىڭ ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمىدىكى بۇغدا چوققىسى (دېڭىز يۈزىدىن 5445 مېتىر ئېگىز) ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى بەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن يەر تۈزۈلۈشى ئويمان بولۇپ، بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئېتىزلار ۋە كەنتلەر دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ؛ جەنۇبىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان ئايدىڭ كۆلنىڭ سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. يەر شەكلى بويىچە قارىغاندا، تۇرپان ئويمانلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ.
تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ تۆۋەن ۋە بىر قەدەر تۇيۇق يەر شەكلى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن قۇرغاق بولۇشى ئۇنى مەملىكىتىمىز بويىچە داڭلىق «ئوتلۇق بوستانلىق» قا ئايلاندۇرغان. بۇ يەردە بىر يىلنىڭ يېرىمىدە دېگۈدەك پىژ - پىژ ئىسسىق ياز بولىدۇ. ھەريىلى ئىيۇندىن ئاۋغۇستقىچە تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيىدىن يۇقىرى بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا مەملىكەت بويىچە 47.8 سېلسىيەلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا رىكوردى يارىتىلغان. بولۇپمۇ ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن قىزىل قۇم تاغ (ئېگىزلىكى تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدۇ) ھەر يىلى يازدا ئوتتەك قىزىپ، بۇنىڭدىن بۇس - تۈتەكلەر كۆتىرىلىپ، ئوت يالقۇنى پۈركۈلۈپ چىققاندەك بىلىنىدۇ. بۇ جايدا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 70 سېلسىيىدىن ئاشىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 82.3 سېلسيىگە يېتىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەپسانىۋى رومانى «غەربكە ساياھەت» تە تىلغا ئېلىنغان «يالقۇن تاغ» مۇشۇ تاغنى كۆرسىتىدۇ. (يەرلىكلەر بۇ يەرنى قىزىل تاغ دەپ ئاتايدۇ)
تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئىقلىمى ئىسىسىق قۇرغاق ئىقلىم بولىسمۇ (يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يىغىن مىقدارى 16 مىللىيمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ)، لېكىن ئويمانلىقنىڭ تىيانشان تاغلىرىدىن باشلانغان دەريالار ئېگىز تاغلارنىڭ مۇز - قار سۈيى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكتىن، سۇ توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇلاق سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيى خېلى يېتەرلىك بولۇپ، يالغۇز يالقۇن تاغدىكى دەريالارنىڭ يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى تىيانشان سۇ سېستىمىسىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەرلىك ئەمگەكچى خەلق ئۆزىگە خاس كارىز سۈيى بىلەن يەر سۇغىرىش ئۇسۇلىنى ياراتقان. ھازىر بۇ كارىزلار 1100 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى مەملىكتىمىزدىكى بېيجىڭ - خاڭجۇ چوڭ قانىلىدىن خېلى كۆپ ئۇزۇن. بۇ يەردە باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈلۈشى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۈزۈم، قوغۇننىڭ ئۆستۈرۈلۈپ كەلگىنىگە ئىككى مىڭ يىلچە بولغان. بولۇپمۇ كىشمىش ۋە مۇناقى ئۈزۈملەر جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە مەشھۇر، ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ سۈپىتى مەملىكىتىمىز بويىچە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. يالقۇن تاغنىڭ ئېتىگىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، چىرىمتال، نېفىت قاتارلىق كان بايلىقلىرى تېپىلدى.(ليۇ جۈندې)