UyghurWiki
UyghurWikiئاڭگۇرۇھ بولۇۋېلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەڭ كۆپ سادىر بولغان جاي

گۇرۇھ بولۇۋېلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەڭ كۆپ سادىر بولغان جاي

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1926 - يىلى، چىكاگودا گۇرۇھ بولۇۋېلىپ، ئەنزە سادىر قىلىش ئەڭ كۆپ بولغان. شۇ چاغلار <گۇرۇھ ئۇرۇشى> مەزگىلى دەپ ئاتالغان ئىدى. شۇ يىلى 76 قاتىللىق ئەنزىسى بىر تەرەپ قىلىنمىغان. 1919 - يىلدىن ھېسابلىغاندا، چىكاگو شەھرىدە 1967 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە گۇرۇھ بولۇۋېلىپ ئۆتكۈزگەن جىنايى ئەنزە مىڭغا يەتكەن. بۇ مىڭ ئەنزىنىڭ ئىچىدە پەقەت 13 كىلا جازا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇنىڭدىن چىكاگونىڭ دۇنيا بويىچە گۇرۇھ بولۇۋېلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ