ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت كېڭىشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىسلاندىيىنىڭ ئالپىك تەشكىلاتى مىلادى 930 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن تەسىس قىلىنغان قانۇن تۈزۈش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئورگان ئەڭ دەسلەپتە 39 نەپەر يەرلىك ئەمەلدارلاردىن تەشكىل قىلىنىپ، 1800 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1843 - يىلى دانىيە تەرىپىدىن مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى پالاتاسى قىلىپ قۇرۇلغان. ئاخىرىدا 1874 - يىلى قانۇن تۈزۈش پالاتاسىغا ئۆزگەرتىلگەن (دۆلەت كېڭىشى بولغان).
ئەنگلىيىنىڭ مان ئارىلىدىكى تىنۋالد پارلامېنتى ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان پارلامېنت بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قانۇن تۈزۈش ئورنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىغا مىڭ يىلدىن ئاشقان.