UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز مېھمانخانا

ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا

دۇنيادىكى ئەڭلەر ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېقىندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زامانىۋىلاشقان ئېگىز مېھمانخانىلار ئارقىمۇ - ئارقا سېلىنىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى جورجىيە شىتاتىنىڭ ئاتلانتا دېگەن يېرىگە سېلىنغان شاپتۇللۇق مەيدانى مېھمانخانىسى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا ھېسابلىنىدۇ. شاپتۇللۇق مەيدانى مېھمانخانىسى زامانىۋىلاشقان كۆپ قەۋەتلىك ئىچكى قورۇلۇق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئېگىزلىكى 200 مېتىر كېلىدۇ، جەمئىي 73 قەۋەت. ئۇنى ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇش ئىنژېنىرى بوتمان لايىھىلىگەن. بۇ بىنا 1976 - يىلى سېلىنغان، ئۇنىڭغا 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. مېھمانخانىنىڭ ئاساىي بىناسى يۇمىلاق مۇنار شەكلىدە بولۇپ، دىئامېتىرى 35 مېتىر كېلىدۇ، ئاپتوماتىك لىفت ۋە مۇلازىمەت ئورنى چەمبەر مەركىزىگە يېقىن جايلاشتۇرۇلغان. چەمبەر مەركىزى ئەتراپنى بويلاپ سېلىنغان 56 قەۋىتىدە 1100 ئېغىز ھۇجرا بار. ھەر بىر ھۇجرا ئازادە ۋە يورۇق بولۇپ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك جاھازلار بىلەن بېزىتىلگەن. بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئاشخانا ئاپتوماتىك ئايلىنىدۇ، كىشىلەر بۇ ھەشەمەتلىك ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ. مېھمانخانىدا پارچە سېتىش دۇكىنى، زىياپەت زالى، قاۋاقخانا ۋە تانسا زالى بار، بۇلاردىن باشقا يەنە مۇلازىمەت تارماقلىرىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا | UyghurWiki | UyghurWiki