ئاھالىسى ئەڭ زىچ رايون
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1975 - يىلدىكى ستاتىستىكىدا، ئاۋمىننىڭ 16 كۋادىرات كىلومېتىر زىمىنىدا 271 مىڭ ئادەم بولۇپ، ھەر بىر كۋادىرات كىلومېتىرغا 16 مىڭ 870 ئادەم توغرا كېلىدۇ. بۇ، دۇنيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ زىچ رايون ھېسابلىنىدۇ.
يەر مەيدانى 520 كۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن رايونلارنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭنىڭ يەر مەيدانى بىر مىڭ 31 كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى تۆت مىليون 637 مىڭ بولۇپ، (1973 - يىلدىكى مۆلچەر سان) ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كۋادرات كىلومېتىرغا تۆت مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئادەم توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى ناھايىتى زىچ. شياڭگاڭ رايونىنىڭ 80% ئاھالىسى شياڭگاڭ ۋە جۇلۇڭ شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ زىچلىقى ھەر بىر كۋادىرات كىلومېتىرغا 566 مىڭ 280 كىشىدىن ئاشىدۇ.