ئەڭ شىمالدىكى ئاھالە
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىننۇئىتلار دۇنيا بويىچە ئەڭ شىمالدىكى ئاھالە بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە، جەمئىي 80 مىڭ نوپۇسقا ئىگە، ئۇلار، ئاساسلىقى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى دائىرىسىدىكى جايلارغا تارقالغان، ئۇلار ئالياسكا دېڭىز قىرغاقلىرى، كانادانىڭ شىمالىي قىسمىدىن گرېنلاندىيىنىڭ تىك مۇز تاغلىرىغىچە بولغان جايلاردا ئىز قالدۇرغان. ئىننۇئىتلار ەرېنلاندىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھەتتا شىمالىي كەڭلىك 80 گرادۇستىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار تەبىئەتنىڭ دەھشەتلىك سىناقلىرىغا باتۇرلارچە بەرداشلىق بېرىپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىنتايىن قاتتىق سوغۇقتا ياشاپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئاسىيادىكى سېرىق تەنلىكلەر بولۇپ، تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە دېڭىزدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈزگۈچى ھايۋانلارنى قوغلىشىپ بېرىڭ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە كەلگەن. ھازىرقى ئىننۇئىتلار تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن سېرىق تەنلىكلەردە بولىدىغان بويى ئېگىز بولماسلىق، چېچى قاپقارا، تېرىسى قوڭۇر بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئىننۇئىتلار يىل بويى مۇزلۇق دېڭىز، قاتارلىق دالىلاردا ياشاش ئۈچۈن، تيولېن، دېڭىز پىلى، ئاق تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ۋە بېلىق تۇتۇپ كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇلاردا تېخى خام گۆش يېيىش ئادىتىمۇ بار.
ھازىرقى ۋاقىتتا شىمالىي قۇتۇبتا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا تېپىلىشى بىلەن بايلىق ئاچقۇچىلارنىڭ كىشىلەرنى كۆپلەپ ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي قۇتۇبنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلدى، يېقىنقى زاماننىڭ ماددىي مەدەنىيىتىمۇ ئىننۇئىتلارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇقەررەر سىڭىپ كىردى، نەتىجىدە، قەدىمكى ساددا مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتى تەدرىجىي ئۆزگىرىشكە باشلىدى.