ئەڭ زور ئايروپىلانسازلىق تىجارىتى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكا ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ سىئېتل شەھىرىدىكى بويىڭ شىركىتى ھازىر دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور ئايروپىلانسازلىق تىجارىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ شىركەتنى بىل بويىڭ 1916 - يىلى قۇرغان. ئۇنىڭ ئەسلى نامى «تىنچ ئوكيان ئاۋىئاتسىيە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» 1934 - يىلى قۇرۇلۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى مېتالدىن ياساشقا باشلىغان. ئۇنىڭ نامى 1961 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن، بۇ شىركەت شۇنىڭدىن باشلاپ بىرىنچى ئامېرىكا بانكىسى گۇرۇھىنىڭ كونتروللىقىدا بولغان. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان «بۇيىڭ 767» نىڭ گەۋدىسى كىچىكرەك بولۇپ، ئىككى يېنىدا رېئاكتىۋ دىۋىگاتىل بار. بۇ ئايروپىلانغا 200 ئادەم سىغىدۇ. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە قىسقا ئارىلىقتىكى لىنىيىلەردە ئۇچىدۇ، 1981 - يىلىدىن باشلاپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. بويىڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ.
ھازىر بويىڭ شىركىتىنىڭ 74400 خادىمى بار (بۇلار ئەڭ كۆپەيگەندە 120500 كىشىگە يېتىدۇ). تىجارەت سوممىسى 1979 - يىلى 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 1978 - يىلىدىكىدىن 49 پىرسەنت كۆپەيگەن؛ پايدىسى 505 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 1979 - يىلىدىكىدىن 57 پىرسەنت كۆپەيگەن. ھازىر بۇ شىركەت ئىشلىگەن ھەر ئون ئايروپىلاندىن توققۇزى خەلق ئاۋېئاتسىيە شىركىتىگە سېتىلىدۇ، بىرىلا ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىلىدۇ.