UyghurWiki
UyghurWikiئاڭنوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئالىم

نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئالىم

دۇنيادىكى ئەڭلەر نوبېل مۇكاپاتى (38 مىليون 400 مىڭ فرانك) ئالفىرېد بېرنخارد نوبېل (1833 - 1896) نىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان. 1866 - يىلى شىۋېتسارىيىلىك بۇ خېمىيە ئالىمى پارتلاتقۇچ دورىنى كەشىپ قىلغان، ئەمما ئۇ، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن. ھەر يىلى نوبېل ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنى يەنى بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ يىللىق خاتىرىلەش كۈنى - (12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىدۇ. بىرىنچى تۈركۈمدىكى مۇكاپات فىزىكا، خېمىيە، مېدىتسىنا، بىئولوگىيە، ئەدەبىيات، تېنچلىق ۋە ئىقتىسادتتىن ئىبارەت 6 تۈرگە تارقىتىپ بېرىلگەن. 1976 - يىلى ھەر بىر تۈرگە 800 مىڭ فرانكتىن تارقىتىلغان. دوكتۇر لىنۇس كارل پائۇلىڭ (1901 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۇغۇلغان) ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىن - بىر ئەر ئالىمدۇر. ئۇ 1931 - يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ پاسادىنا شەھىرى كالىفورنىيە سانائەت ئىنسىتوتىدا خېمىيە پروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن. 1962 - يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فرانسىيىلىك مارىيە كىئورى خانىم (1867 - 1934) ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىن - بىر ئايال ئالىم. ئۇ، 1903 - يىلى يولدىشى پېررى كىئورى ۋە (1859 - 1906) ئانتونى بىكچۇرىل (1852 - 1908) لەر بىلەن بىللە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ، 1911 - يىلى يەنە بىر قېتىم نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1917 -, 1944 ۋە 1963 - يىللىرى جەنۋە خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى 3 قېتىم نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىل كىرىشت جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ