تۇنجى قېتىم شىمالىي مۇز ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى كېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەڭ بىرىنچى بولۇپ شىمالىي مۇز ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەن، بۇ ئەترەت 1968 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالياسكادىكى بارروۋىس تۇمشۇقىدىن يولغا چىقىپ، 1969 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 464 كۈندىن كېيىن سىپتىز بېرىگنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەتتە تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بارغان، جەمئىي 5,825 كىلومېتىر يول ماڭغان. بۇ كېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى: ۋاللىي خېربېرت 34 ياش، كېن خىدگېس 34 ياش، ئاللان گىلل 38 ياش ۋە روي كوئېرنېر 36 ياش، ئۇلار 4 كىشى شىمالىي قۇتۇپتىكى غايەت زور كۆچمە مۇزلار ئۈستىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق ساياھەت ئېلىپ بارغان. بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 44 گىرادۇسقا يېتىدۇ.