UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز

ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئالا قوڭغۇز _ قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ مايكىلار ئائىلىسىدىكى ئالا قوڭغۇز ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز، ئالا قوڭغۇزنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 2300 دىن ئارتۇق تۈرى بار، ئېلىمىزدە بولسا 29 تۈرى بار. ئالا قوڭغۇزنىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا تىۋىت بىلەن قاپلانغان، قانىتى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكلىدە كەلگەن، تېنى يۇمشاق، ئۇزۇنلۇقى 11 - 30 مىللىمېتىر كېلىدۇ. قانىتىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا ئىككى چوڭ سېرىق داغ بار. ئوتتۇرىسىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدە بىردىن دولقۇنسىمان سېرىق بەلباغ بار، پۇتىدا قارا ئۇزۇن تىۋىت بولۇپ، سېرىق پۇرچاق، خاسىڭ، چەيزىگە ئوخشاش زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. ئالا قوڭغۇز كۆپىنچە توپلىشىپ ئۇزۇقلىنىدۇ، توپلىشىپ ئۇچىدۇ، ئۈركىگەندە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، پۇت بوغۇمىدىن سېرىق زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چىقىرىدۇ. بۇ سېرىق زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك كانتارىدىن بار. بۇنىڭ زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىسىنى بۇزالايدۇ، ئادەمنىڭ بەدىنىگە تەگسە، تېرىنى قاپارتىپ قويىدۇ. كانتارىدىن بىر خىل رەڭسىز ۋە پۇراقسىز پارقىراق كىرستال بولۇپ، بىر كىشى ئادەتتە 0.6 - 1 گرام كانتارىدىننى ئىچسە زەھەرلىنىدۇ، تەخمىنەن 30 مىللىگرام كانتارىدىننى ئىچسە ئۆلىدۇ. كانتارىدىننىڭ زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئالا قوڭغۇز بىلەن راك كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ياڭ شىيىڭنىڭ «رېنجەي كۇتۇپخانىسىدا يېزىلغان رېتسېپلار» دېگەن ئەسرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «راك يارىلىرى ھۈررەك - ھۈررەك بولۇپ ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، خۇددى كۆزدەك ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ زەھىرى خۇددى ئوقتەك چوڭقۇر تېشىپ كىرىدۇ، ئەرلەرنىڭ كۆپىنچە قورسىقىدا، ئاياللارنىڭ كۆپىنچە ئەمچىكىدە ياكى بوينىدا ۋە ياكى مۈرىسىدە پەيدا بولىدۇ، كىشىنى ھۇشسىزلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال ئالا قوڭغۇزنى ئاساس، ئاق ھەشقىپىچەك، كۆك سېغىز، ماڭدارلارنى قوشۇمچە قىلىپ ئىچكەندە سۈيدۈك ھەيدىلىپ، زەھەر قايتىدۇ، كېيىن كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچكەندە، قېلىپ قالغان زەھەرلەر پۈتۈنلەي ھەيدىلىپ، كېسەل ساقىيىدۇ». يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، كانتارىدىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ راكقا قارشى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. ئېلىمىزدە كانتارىدىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ راكقا قارشى تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، كىلىنكىدا مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كانتارىدىننى ئىچكەندە، ئۇ سۈيدۈكنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. تېرىگە سۈرتكەندە، ئۇنىڭدىن قاپارتقۇچ سۈپىتىدە پايدىلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز | UyghurWiki | UyghurWiki