ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق مىس كانى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
چىلىنى شىمالىي قىسمى - دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇرغاق رايونلاردىن بىرى، ئۇيەردە كەڭ چۆل - باياۋان بولۇپ، ھەممىلا يەرنى قۇم - شېغىللار ۋە تاشلار قاپلىغان. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى ئادەتتىن تاشقىرى قۇرغاق بولغاچقا، بۇ يەردىن ھەتتا بىرقانچە تال يېشىل ئۆسۈملۈكنى تاپماقمۇ تەس، كەچقۇرۇنلۇقى قىزىل قۇياش غەربكە پېتىپ، ئاسمان گۈمبىزىدىن چېچىلغان ئاجايىپ قۇياش غەربكە پېتى، ئاسمان گۈمبىزىدىن چېچىلغان نۇر كىشىلەرگە بىر خىل چۆل - باياۋان تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئەمما چىلى خەلقى بۇ جاينى گۆھەردەك بىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق مىس كانى - چۇكىكاماتا مىس كانى مانا مۇشۇ جايغا جايلاشقان.
بۇ كان چىلىنىڭ ئانتو فاگاستا ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 60 يىللىق قېزىلىش تارىخىغا ئىگە. زاپاس مىقدارى 18 مىليون توننىدىن ئارتىدۇ. مىس مەھسۇلاتى چىلى بويىچە ئومۇمىي مىس مەھسۇلاتنىڭ 44.6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇ كاندا ئىشلىتىۋاتقان تۈرلۈك ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. رۇدا قاتلاملىرىنى قېزىشتا، ئادەتتە پارتلىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ. مۇستەھكەم - قېلىن رۇدا قاتلىمى ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن قاتتىق ئاۋازلار بىلەن تەڭ پارچىلىنىدۇ. ئېكىسكىۋاتورلار رۇدىلارنى چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىللىرىغا قاچىلاپ بېرىدۇ. ئەڭ چوڭ ئېكۋاتور بىر قېتىمدا تەخمىنەن 40 توننا رۇدىنى ئۇسالايدۇ. يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 7 مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر، بالونىنىڭ دىئامېتىرى 2.8 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىرىغا 255 توننا يۈك باسقىلى بولىدۇ. كان رايونىغا يىراقتىن قارىغاندا، يۈك ماشىنىلىرى گويا سېرىق (يۈك ماشىنىلىرىنىڭ كۆپى سېرىق سىرلانغان) ئەجدىھا كەڭ دالىدا ئەگرى - بۈگرى سوزولۇپ ياتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۈستى ئوچۇق كان رايونىنى خۇددى يەر شارىدىكى «چوڭ ئۆڭكۈر» دېيىشكە بولىدۇ. كۆپ يىل قېزىلىش نەتىجىسىدە پۈتۈن قېزىلىش دائىرىسى ئۇزۇنلۇقى 37000 مېتىر، كەڭلىكى 1900 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 450 مېتىر كېلىدىغا چوڭ ئازگالغا ئايلانغان.
كۆپ يىللىق ئېچىلىش ۋە قۇرۇلۇش نەتىجىسىدە چوڭ باياۋاندىكى چوكىكاتاما مىس كانى ناھايىتى ئاۋات شەھەر بازىرىغا ئايلاندى، ھازىر كان رايونىدا جەمئىي ئون مىڭغا يېقىن ئىشچى - خىزمەتچى بار. ئائىلە تەۋەلىرىنى قوشقاندا، ئادەم سانى جەمئىي 50 مىڭدىن ئارتىدۇ. كان رايونلىرىدا تەخمىنەن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشى كان رايونىغا ئانچە يىراق بولمىغان كالاما شەھىرىدە ئولتۇرىدۇ. كان رايونىدا دوختۇرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى،ئاشخانا قاتارلىقلار بار؛ كوچىلاردا ماگىزىن ناھايىتى كۆپ.(چۇپىڭلياڭ)