UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ كاتولىك دىنىي چېركاۋى

ئەڭ چوڭ كاتولىك دىنىي چېركاۋى

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ، ئامېرىكىنىڭ نيو - يوركتىكى سېنت - جونس چوڭ چېركاۋى بولۇپ، كۆلىمى 11 مىڭ 240 كۋادىرات مېتىر، ھەجىمى 476 مىڭ 340 كۇپمېتىر، بۇ چېركاۋنىڭ دەسلەپكى ھۇل تېشى 1892 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قويۇلغان. بۇ يېڭى گېيوتې شەكلىدىكى قۇرۇلۇش 1967 - يىلغىچىمۇ پۈتمىگەن. نيو - يوركتىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا <سېنت - جونس پۈتمەس ئىبادەتخانىسى> دەپ ئىسىم قويۇشقان. بۇ چوڭ چېركاۋنىڭ زالىنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا 183 مېتىر (دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن زال، تورۇسنىڭ ئېگىزلىكى 37 مېتىر كېلىدۇ). ئىسپانىيىنىڭ سېۋىللا ئۆلكىسى لاسېدې شەھىرىدىكى سانتامارىيە چېركاۋى، دۇنيا بويىچە ئىگەللىگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ چېركاۋ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چېركاۋنىڭ ئۇزۇنلۇقى 126 مېتىر، كەڭلىكى 82 مېتىر بولۇپ، زال مەركىزىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ