ئەڭ غەلىتە كۆل پاقىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تىتىكاكا كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 3800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاند تاغلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بولغان ۋە قاتناشقا بولىدىغان چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بەزى بىئولوگلار ئۈچۈ ئېيتقاندا، ئەڭ قىزىقارلىقى كۆلگە «تولۇپ تاشقان» پاقىلاردۇر. «تولۇپ تاشقان» دېگەن بۇ سۆز بۇ يەردە ئانچە مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن تىتىكاكا كۆلىگە بېرىپ ئاشۇ مىليونلىغان پاقىلارنىڭ «تەنتەنىسى» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشى بەلكىم «تولۇپ تاشقان» دېگەن بۇ سۆزنى قوللىنىشقا قوشۇلار.
تىتىكاكا كۆلىدە ياشاۋاتقان پاقىلار زادى قانچىلىك باردۇر؟ بەزىلەر، ئاز دېگەندە ئون مىليونچە بار دەپ قارايدۇ. فرانسىيىلىك بىر ئالىمنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بىر مىلياردقا يېتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق سان. ئۇلار قىرغاققا چىقماي، سۇدىلا ياشايدۇ. بۇلار بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان پاقىلارغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى پاقىلار كۆپىيىشتە تۇخۇم سالىدۇ، تۇخۇمدىن قۇمچاق چىقىدۇ، قۇمچاق پۈتۈنلەي سۇدا يېتىلىدۇ. قۇمچاق پاقىغا ئايلانغاندىن كېيىن، دائىم سۇدا تۇرىۋەرمەي، قۇرۇقلۇققا چىقىپ ياشايدۇ. تىتىكاكا كۆلىدىكى پاقىلار بولسا ئادەتتىكى پاقىلارنىڭ ئەكسى بولۇپ، ئۆمۈر بويى سۇدا ياشايدۇ، بەلكى تىتىكاكا كۆلىدىلا ياشاپ، شۇ كۆلگە خاسلىشىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ پاقىلار تىتىكاكا كۆلى پاقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
تىتىكاكا كۆلى پاقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇ ئۇزاق يىللار داۋامىدا سۇدا ياشاپ كەلگەنلىكتىن، ئۇنىڭدا ئۇچار قاناتلارنى قۇرۇقلۇقتىكى تۈرداشلىرىغا ئوخشاش ئەپچىل تىلى بىلەن تۇتۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغان. شۇڭا تىلى، چىشى تەدرىجىي ئاينىپ يوقاپ كەتكەن، كۆل ئاستىدىكى لايدىن ئوزۇق - تۈلۈك تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۆت پۇتىغا ئۇزۇن تىرناق ئۆسۈپ چىققان. كۆلدە ئوزۇقلۇقنىڭ مول بولۇشى ۋە رەقىبلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشىدەك مۇۋاپىق مۇھىت ئۇلارنى راھەت - پاراغەتتە ئۆتىدىغان ئاقنانچى جانۋارلاردىن قىلىپ قويغان.
بۇ خىل پاقىنىڭ گۆشى ناھايىتى مېزىلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى كۆل بويىدا تۇرۇشلۇق ھىندىيانلار زادىلا يېمەيدۇ. ئۇنىڭدا پەقەت كۆرەك ۋە قورساق ئاغرىقىنى ساقايتىدىغان دورا سۈپىتىدىلا پايدىلىنىدۇ. كىمنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىسا، داۋالىنىش ئۈچۈن، پاقىنى يېرىپ قورسىقىغا چاپلىۋالىدۇ.