ئەڭ كۆپ تاماكا قۇتىسى يىغقان كىشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دانىيىنىڭ كوپىنھاگىن شەھىرىدىكى نېلىس ۋېنتىگوت دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تاماكا قۇتىسى يىغقان كىشى بولۇپ، ئۇ 1974 - يىلى 3 - ئايغىچە 210 دۆلەتنىڭ ئوخشىمايدىغان تاماكا قۇتىسىدىن 52 مىڭ 21 نى يىغقان. بۇنىڭ ئىچىدە 6,861 ىنى ئەنگلىيىدىن، 3981 ىنى ئامېرىكىدىن يىغقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقىسى فىللاندىيىنىڭ 1860 - يىلدىكى پېتىت كانون ماركىلىق تاماكا قۇتىسى، ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغىنى لاتۋىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 700 يىللىقىنى (1901 - 1201) خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياسالغان <رىگا> ماركىلىق تاماكا قۇتىسى ئىكەن.