قۇياش دېغىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
قۇياش دېغى مەملىكتىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن بايقالغان، يىن - شاڭ دەۋرىدىكى چىغىناق تاغاق پۈتۈكلەردە قۇياش دېغىغا دائىر خاتىرىلەر بار. يېغىلىق دەۋرى ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ قۇياش دېغىغا دائىر نۇرغۇن خاتىرىلەر بار. «خەننامە» نىڭ 27 - جىلىدىدىكى بەش كەسىپ تەزكىرىسىدە:«خېپىڭنىڭ 1 - يىلى . . . . 3 - ئاينىڭ 2 - ئون كۈنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە قۇياش سېرىق چىقتى. چوڭلۇقى بارماقچىلىك كېلىدىغان قارا گاز قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى» دەپ يېزىلغان. بۇ قۇياش دېغى توغرىسىدا جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە ھېسابلىنىدۇ. خېپىڭنىڭ 1 - يىلى مىلادى 28 - يىلىدۇر. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدە قۇياش دېغى توغرىسىدا دۇنيا بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، خاتىرە ئىنتايىن تەپسىلىي يېزىلغان. خەن سۇلالىسى خېپىڭنىڭ 1 - يىلىدىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قۇياش دېغى توغرىسىدا جەمئىي 100 قېتىمدىن ئارتۇق خاتىرە يېزىلغان. بۇ خاتىرىلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق، ئونىڭ ئۈستىگە داغنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئورنى ھەتتا ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى كۆرسىتىلگەن. بۇلار قۇياش دېغىنىڭ ھەركىتى ۋە ئۇنىڭ يەرشارىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلىدى. (چيەن بوچېن)