UyghurWiki
UyghurWikiئاڭيۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا

يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا

دۇنيادىكى ئەڭلەر يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مالىكۇلىلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچ چوڭ ئاساسىي نەزەرىيە (ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى، ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى) ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم كېسىشىش نۇقتىسىدۇر. يەر شارى زادى ئالەمدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ھاياتلىق بىردىن - بىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئاسمان جىسىمىمۇ ئەمەس دېگەن سوئالدىن ئاسانلا خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا يۇلتۇزلار ئارا ھەرخىل تىپتىكى ئورگانىك مالىكۇلىلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋە ئىشەنچىلىك ئالەم سىگناللىرىغا ئىگە بولۇش كېرەك. يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مالىكۇلىار يۇلتۇزسىمان جىسىملار، ئىمپۇلىس يۇلتۇز، ئالەم مىكرو دولقۇنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلۈك رادىئاتسىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا ئاسترونومىيىدىكى 4 چوڭ كەشپىياتىنى تەشكىل قىلغان. كىشىلەر 1968 - يىلى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىدىن كۈتۈلمىگەن ھالدا سۇ ۋە ئاممىياك مالىكۇلىسىنىڭ رادىيو ئىسپىكىتىر سىزىقىلىرىنى تاپتى. كېين يەنە يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىن كۆپلىگەن ئورگانىك مالىكۇلىلارنىڭ ئىسپىكىتىر سىزىقلىرىنى تاپتى. بۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتا بەزى ئاددىي مالىكۇلىلار بار دەيدىغان ئەنئەنىلىك قاراش تۈپتىن تەۋرىتىلىدى. يۇلتۇزلار ئارا مالىكۇلىلاردىن ھازىرغا قەدەر 40 نەچچە خىلى ئارقىمۇ - ئارقا تېپىلدى. كانادا ھېرتسىبايگ ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىلىق تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار ئالتۇن كالا يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار ئارا تۇماندىن بىرخىل توققۇز ئاتوملۇق ئورگانىك مالىكۇلىنى تاپتى. مۇنىڭ مالىكۇلا ئېغىرلىقى 99 غا يېتىدۇ. تەركىبىدە ئۇزۇن كاربون زەنجىرى بولغان بۇ خىل تۈز زەنجىرلىك مالىكۇلىنىڭ تۈزۈلۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئورگانىك بىرىكمىگە يېقىن كېلىدۇ. يەر شارىدىكى تەبىئىي بىرىكمىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ بارلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولمىدى. كېيىن ئەنگىلىيە خېمىيە ئالىمى كروتو قاتارلىقلار 1977 - يىلى مايدا ئۇنى سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن بىرىكتۈردى. يېقىندا كانادا ئارگون رەسەتخانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، يەنە بىر خىل 11 ئاتوملۇق يۇلتۇزلار ئارا مالىكۇلا ئانئوكتىن تېپىلغان. ئۇنىڭ تۈزۈلۈش فورمىلىسى : HC ≡C-C≡C-C≡C-C≡C-C≡N مانا ئۇ ھازىر ئىنسانلار تاپقان يۇلتۇزلار ئارا ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا بولۇپ، ئۇنىڭ مالىكۇلا ئېغىرلىقى 123 كە يېتىدۇ. ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مالىكۇلىلارنىڭ رىكۇردى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ بارىدۇ ئەلۋەتتە.(تەن شياڭبەي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ