ساياھەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ كۈتۈۋالىدىغان مەملىكەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىسپانىيىنىڭ ساياھەتچىلىكى خېلى بۇرۇنلا داڭ چىقارغانىدى. ئۇ 1978 - يىلى 38 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ سان ئۇنىڭ ئۆز ئاھالىسىدىن ئۈچ مىليون كىشى ئوشۇق. ساياھەتچلىك ئىسپانىيىگە زور مىقداردا تاشقى پېرېۋوت كىرىمى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ مەملىكەت 1978 - يىل بىر يىل ئىچىدىلا ساياھەتچىلىكتىن بەش مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.
ئىسپانىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ شۇنچە راۋاج تېپىشىنى ئۇنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىسپانىيە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ئارىلىقىدىكى ئېبىرىيە يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋاسى ئىللىق ۋە يېقىملىق، مەنزىرىسى گۈزەل. ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنىڭ «كۈن نۇرى دېڭىز ساھىلى» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئىسپانىيىلىكلەر دائىم پەخىرلەنگەن ھالدا زوقلىنىپ: «بىز بىر خىل پەۋقۇلئاددە تاۋارنى: كۈن نۇرى بىلەن دېڭىز ساھىلىنى ساتىمىز» دەپ قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەيدۇ.
ئىسپانىيىنىڭ ياخشى تەبىئىي شارائىتىدىن باشقا، يەنە مول مەزمۇنغا ئىگە مەدەنىيەت - سەنئىتى ۋە مەشھۇر ئاسار - ئەتىقىلىرىمۇ ساياھەتچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق، بولۇپمۇ دۇنياغا داڭقى چىققان ئىسپانىيە كالا سوقۇشتۇرۇشى ساياھەتچىلەرنى بەك جەلپ قىلىدۇ، بۇ جاينىڭ تاماقلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە، مىراندا - دې - ئېبروننىڭ قوي گۆشى كاۋىپى، ۋالېنسىيىنىڭ سەككىز چىشلىق گۈرۈچ تامىقى، مانكانىڭ پىشلىقى ۋە شىمالىي دېڭىز بويىدىكى ھەر خىل ئاز ئۇچرايدىغان دېڭىز نېمەتلىرى ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ.
ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چېگرىدىن كىرىش ۋىزا رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ساياھەت مۇئەسسەلىرى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ پۇل قەرز بېرىش، سىرتقا قارىتا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەدبىرلەرنى كۆردى؛ مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىغا زاۋۇت سالماسلىقنى بەلگىلىدى.
ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا دېڭىز ساھىلىدىكى مەشھۇر ساياھەت ئورنى بېندورم بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى كىچىككىنە بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى.