ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلگەن بىر قېتىملىق ھازىرقى زامان ئۇرۇشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
يېقىنقى زامان تارىخىدا ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇش 1916 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگىچە فرانسىيىنىڭ سوممې دېگەن يېرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدا بىر مىليون 30 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 614 مىڭ 105 كىشى ئەنگلىيىلىك ۋە فرانسىيىلىك، تەخمىنەن 420 مىڭ كىشى گېرمانىيىلىك، ئۇرۇش ناھايىتى شىددەتلىك بولۇپ، زەمبىرەك ئاۋازلىرى لوندۇنغىچە ئاڭلىنىپ تۇرغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە باشقا ئۇرۇشلار ئىچىدە بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ ئۇرۇش 1943 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان كورسكى ئۇرۇشى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن بىر مىليون 300 مىڭ كىشى، 3,600 تانكا، 20 مىڭ دانە كارابىن مىلتىق ۋە 3,130 ئايروپىلان بىلەن قوراللىنىپ، گېرمانىيىنىڭ 2,500 تانكا بىلەن قوراللانغان ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان.
بېرلىن ئۇرۇشىغا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي ئۈچ مىليون 500 مىڭ ئادەم، 52 مىڭ چوڭ زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 7,750 تانكا ۋە 11 مىڭ ئايروپىلان قاتناشتۇرۇلغان.