UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ يېڭى ئالاقە سىستېمىسى

ئەڭ يېڭى ئالاقە سىستېمىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1958 - يىلى، ئامېرىكىلىق شورلو لازېر نۇرىنىڭ چۈشۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك يورۇقلۇق دەستىسىنى ئاددىي نۇر بىلەن كۈچەيتىش لايىھىسىنىڭ قائىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ ئاساستا، 1960 - يىلى ئامېرىكىلىق مېھمان دۇنيا بويىچە تۇنجى لازېرنى قىزىل ياقۇتتىن ياساپ چىقتى. 1970 - يىلى، سەرپىياتى تۆۋەن بولغان سىلىكون دىئوكسىدلىق يورۇقلۇق ئۆتكۈزگۈچ تالانى تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى يورۇقلۇق تالاسى ئالاقىسى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرگە مۇستەھكەم نەزەرىيىۋى ۋە ماددىي ئاساس يارىتىپ بەردى. يەنە بىر قانچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، يورۇقلۇق تالاسى ئالاقىسى 1977 - يىلى ئاخىر ئەمەلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا يېتىپ كەلدى. يورۇقلۇق ئۆتكۈزگۈچ تالا يېنىك، سەرپىياتى ئاز، ئومۇمىي چاستوتا بەلبېغى كەڭرەك، خام ئەشيا مەنبەسى كەڭ بولۇپ، تېمپېراتورىنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ. لازېر نۇرى ئالاقىسىنىڭ ھەجمى زور بولۇپ، سۆز ئىنتايىن ئېنىق ئاڭلىنىدۇ. مۇشۇ ئارتۇقچىلىققا ئاساسەن، ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنى تەتقىق قىلىشقا ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى كۆپلەپ ئاجرىتىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، يەنە 10 يىلدىن كېيىن، تەتقىقاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىش ئارقىسىدا، ھازىرقى بەزى مەۋجۇت مەسىلىلەر پەيدىن - پەي ھەل قىلىنىپ، ھازىرقى سىملىق ئالاقە سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى يورۇقلۇق تالاسى ئالاقە سىستېمىسى ئالغۇسىدۇر. ھازىرقى ۋاقىتتا ياپونىيە يورۇقلۇق تالاسى ئالاقىسىنى ئەڭ ئۇزاق ئارىلىق بويىچە يولغا قويغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئامېرىكا ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ زور بولغان يورۇقلۇق تالاسى ئالاقە سىستېمىسىنى قۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ۋاشىنگتوندىن باشلىنىپ، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، بوستونغا يېتىپ بارىدۇ. ئومۇمىي مۇساپىسى 983 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 1984 - يىلى پۈتىدۇ. بۇ سىستېما 80 مىڭ تېلېفوننى قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇنىڭدا بىر ۋاقىتتا سۆزلەشكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ