UyghurWiki
UyghurWikiئاڭھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنى ئاچقان ئەڭ چوڭ كارخانا

ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنى ئاچقان ئەڭ چوڭ كارخانا

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكىنىڭ خىلتون مېھمانخانا كارخانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنى ئاچقان كارخانا ھېسابلىنىدۇ. خىلتۇن مېھمانخانا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىلا 39 مېھمانخانىسى (جەمئىي 30 مىڭ 809 مېھمان كۈتۈش ئۆيى) بار خەلقئارا خىلتون مېھمانخانا شىركىتى بولسا، 37 دۆلەتنىڭ 51 شەھىرىدىكى 54 مېھمانخانىغا مەسئۇل 18 مىڭ 133 مېھمان كۈتۈش ئۆيى بار(. 1971 - يىلى خىلتون مېھمانخانا شىركىتىنىڭ كىرىمى 150 مىليون فرانكقا، ئىشچى - خىزمەتچىسى 20 مىڭغا يەتكەن. خەلقئارا خىلتون مېھمانخانا شىركىتىنىڭ كىرىمى بولسابىر مىليارد 113 مىليون 367 مىڭ 885 فرانكقا، ئىشچى - خىزمەتچىسى ئوخشاشلا 20 مىڭغا يەتكەن. 1919 - يىلى كونرادنىكولىسون خىلتۇن )1887 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تۇغۇلغان( نىڭ شىركىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىكساس شتاتى كىسكو شەھىرىدىكى موبلېي مېھمانخانىسى بىرلىشىپ خىلتون مېھمانخانا شىركىتىنى قۇرغان. 1967- يىلى 5 - ئايدا خەلقئارا خىلتون مېھمانخانا شىركىتى ئامېرىكىنىڭ <يەر شارىنى ئايلىنىش> ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە پۈتۈنلەي سېتىپ بېرىلگەن )قىسقارتىلمىسى T.W.A(.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ