ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاپتوموبىلنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە ھازىر 200 يىلدىن ئاشتى. ئاپتوموبىل مەھسۇلاتى جەھەتتىن ئالغاندا، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ياپونىيە ئىككىنچى ئورۇندا، غەربىي گېرمانىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ، بىر مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىغا قارىتىپ ئېيتىلغان.
بىر زاۋۇتنىڭ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىدىن ئالغاندا، غەربىي گېرمانىيىدىكى تۆۋەن ساكسونىيە شىتاتىنىڭ ۋولفسبېرگ دېگەن جايىدىكى مىللىي ئاپتوموبىل زاۋۇتى كۈنىگە 4000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ زاۋۇت دۇنيا بويىچە بىرلا خىل ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىغان ئەڭ چوڭ زاۋۇت ھېسابلىنىدۇ.
بۇ زاۋۇتنىڭ شىركەتكە تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتى 1937 - يىلى قۇرۇلغان. 1938 - يىل شىركەت رەسمىي قۇرۇلغان. مەبلەغنىڭ 16 پىرسەنتىنى فېدراتىپ ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان، 20 پىرسەنتىنى تۆۋەن ساكسونىيە شىتاتى ئۈستىگە ئالغان، قالغان قىسمى خەلق ئىچىدىن توپلانغان. زاۋۇت بىناسى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2161 مو كېلىدۇ، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 29 مىڭ 622 موغا يېتىدۇ، پۈتۈن زاۋۇتتا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، گېرمانىيە ئىنژېنېرى فېرنان بورش بۇ زاۋۇتقا زور تۆھپە قوشقان.
بۇ زاۋۇت ئۈسكىنىلىرى خىل، ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، «قوڭغۇز» ناملىق ئاپتوموبىلدىن ھەر 12 سىكۇنتتا بىرنى قۇراشتۇرۇش لىنىيىسىدىن چىقىرىپ تۇرىدۇ. «قوڭغۇز» ناملىق ئاپتوموبىل دۇنيا بازىرىدا ئەزەلدىن بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ كەلمەكتە.