ئەڭ يىراقلىققا ئېتىلىدىغان زەمبىرەك
دۇنيادىكى ئەڭلەر
باربادېسنىڭ بىر دانە H.A.R.P.419 مىللىمېتىرلىق قوش ئېغىزلىق زەمبىرىكى ئەڭ يىراققا ئاتالايدۇ. ئۇنىڭ 1968 - يىلى، ئېغىرلىقى 90 كىلوگرام كېلىدىغان بىر دانە زەمبىرەك ئوقىنى ئاتقاندا 121 مىڭ 900 مېتىر ئېگىزلىككە يەتكەن.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پارىژنى توپقا تۇتقاندا ئىشلىتىگەن <گىرۇسسې بېرتا> ناملىق مەشھۇر زەمبىرەك ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 210 مىللىمېتىر كېلىدۇ. مۇشۇنداق <بېرتا> زەمبىرىكىدىن جەمئىي يەتتە دانە بولۇپ، ئۇنىڭ لايىھىلەنگەن ئېتىلىش مۇساپىسى 127.9 كىلومېتىر، ئەمەلىيەتتىكى ئېتىلىش مۇساپىسى 120 كىلومېتىر كېلىدۇ.