UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ زور ئوكيان ئېقىنى

ئەڭ زور ئوكيان ئېقىنى

دۇنيادىكى ئەڭلەر بىپايان دېڭىز - ئوكيانلاردا نۇرغۇنلىغان زور ئوكيان ئېقىنلىرى ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. ئۇلار شامال ۋە باشقا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىشى ئاقىسىدا مەلۇم لىنىيە بويىچە تەكرار ھەركەتلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆلىمى قۇرۇقلۇقتىكى زور دەريالاردىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە چوڭ . بارلىق ئوكيان ئېقىنلىرى ئىچىدە كۆلىمى پەۋقۇلئاددە زور بولغان ھەتتا ئوكيان ئېقىنلىرى ئارىسىدا «گىگانت» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر مېكسىكا قولتۇقى ئىسسىق ئېقىنى بار، بۇ ئېقىن قىسقارتىلىپ قولتۇق ئېقىنى دەپ ئاتىلىدۇ. قولتۇق ئېقىنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىسسىق بەلۋاغ دېڭىز تەۋەسىدىكى بىر قانچە دېڭىز ئېقىنىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. باشتا ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى ئوكيان ئېقىنى شەرقتىن غەربكە قاراپ سىلجىيدۇ، بۇلار شىمالىي ئېكۋاتور ئوكيان ئېقىنى ۋە جەنۇبىي ئوكيان ئېقىنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقىسى كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بويلاپ شىمالغا ئاقىدۇ. كېيىنكىسى بىرازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. شىمالىي بۆلىكى گۋانا ئىسسىق ئېقىنى دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئاساسىي ئېقىنى كارب دېڭىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمىدىكى مېكسىكا قولتۇقىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر سوتكىدا تەخمىنەن 150 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن فلورىدا ئىسسىق ئېقىنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئۆركەشلەپ شىمالغا ئېقىۋاتقان شىمالىي ئېكۋاتور ئوكيان ئېقىنى بىلەن قوشۇلۇپ، دۇنيادا تەڭداشسىز مېكسىكا قولتۇقى ئىسسىق ئېقىنىنى بىرلىكتە ھاسىل قىلىدۇ. بۇ قۇدرەتلىك ئوكيان ئېقىنى كانادانىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە بارغاندىن كېيىن، شىمالي ئاتلانتىك ئوكيان ئىسسىق ئېقىنى دەپ ئاتىلىپ، يەرشارى ئېغىش كۈچىنىڭ ياردىمى بولۇپمۇ قاتتىق چىقىپ تۇرىدىغان غەرب شامىلىنىڭ كۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن يىراقتىكى بارېنىتىس دېڭىزىغا قاراپ ھەيۋەت بىلەن ئاقىدۇ. قولتۇق ئېقىنىنىڭ كۆلىمى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور. ئۇنىڭ كەڭلىكى 60 - 80 كېلومېتىربولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئوكيان ئېقىنى - شىمالىي تېنچ ئوكياندىكى قارا ئېقىندىن بىر ھەسسىگە يېقىن چوڭ، قۇرۇقلۇقتىكى بارلىق دەريالارنىڭ ئومۇمىي ئېقىن مىقدارىدىن 80 ھەسسە ئارتۇق. مەملىكىتىمىزدىكى دەريالار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېقىن مىقدارىنىڭ 2600 ھەسسىسىگە ياكى خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن مىقدارىنىڭ 57 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. قولتۇق ئېقىنىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى يۇقۇرى، تۇز تەركىبى كۆپ، سۈيى توق يېشىل بولۇپ، باشقا دېڭىز سۈيىدىن ئوچۇق پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلىدە ئۇنىڭ تىمپىراتۇرىسى ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تىمپىراتۇرىسىدىن 8 سېلسىيەدىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېقىن مىقدارى ناھايىتى زور. شۇڭا ئەتراپىتكى ئىقلىمغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە تېمپىراتۇرا سىزىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا كىشىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى جەلپ قىلارلىق دەرىجىدە شىمالغا قاراپ ئېگىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇنىڭ غەربىي شىمالىي ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى، قۇرۇقلۇقنىڭ قىرغاق سىزىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەربىر كىلومېتىر يەرگە 60 مىليون توننا كۆمۈرنىڭ يېنىشىدىن ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىگە تەڭ كېلىدىغان ئىسسىقلىققا توغرا كېلىدۇ. قولتۇق ئېقىنى غەربىي شىمالىي ياۋروپا تېمپىراتۇرىسىنى شىمالىي يېرىم شارنىڭ باشقا تەڭ كەڭلىك گىرادۇسىدىكى رايونلىرىدىن 16 سېلسىيىدىن 20 سېلسىيىگىچە يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. دېڭىز بويىدىكى پورتلار يىل بويى مۇز تۇتمايدۇ. بۇ جايلاردا ھۆل - يىغىن كۆپ بولىدۇ؛ بۇ جايلار گەرچە سۇغۇق بەلۋاغقا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ ئىسسىق تەبئىي مەنزىرىسى نامايەن بولۇپ، تاغ باغىرىلىرى قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلىنىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردىكى ئېتىزلار ياپ - يېشىل تۈس ئالىدۇ. ( جاڭ شيەنيۈي
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ زور ئوكيان ئېقىنى | UyghurWiki | UyghurWiki