ئەڭ كۆپ كېمىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن سۇ ئاستى پاراخوت باشلىقى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى كاپىتان ئوتتوكرېستچىمېر (1911 - يىلى تۇغۇلغان) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ U.23 ۋە U.99 بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ بىر قوغلىغۇچى پاراخوتىنى ۋە 43 سودا پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن. يەنى ئۇ، 1941 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئەسىرگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى 16 قېتىملىق چارلاش جەريانىدا جەمئىي 263 مىڭ 682 توننا ئېغىرلىقتىكى پاراخوتنى غەرق قىلىۋەتكەن. ئۇ قىلىچ ۋە كاۋچۇك يوپۇرمىقى شەكلى چۈشۈرۈلگەن تۆمۈر كىرېست مېدالغا ئېرىشكەن.
1914 - يىلىدىن 1918 - يىلىغىچە بولغان ئۇرۇش جەريانىدا كاپىتان لوتار ۋون ئارنا ئۇلد ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ U.35 ۋە U.39 بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ 194 پاراخوتىنى غەرق قىلىۋەتكەن. جەمئىي ئېغىرلىقى 463 مىڭ 716 توننا كېلىدۇ.
1914 - يىلىدىن 1918 - يىلىغىچە بولغان ئۇرۇش جەريانىدا، U.48 بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى 54 پاراخوتنى غەرق قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 90 مىڭ 350 توننىلىق پاراخوتمۇ بار بولۇپ، جەمئىي ئېغىرلىقى 535 مىڭ 900 توننا كېلىدۇ.
U.53 بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جەمئىي 318 مىڭ 111 توننا ئېغىرلىقتىكى پاراخوتنى غەرق قىلىۋەتكەن.